
11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ − 6 بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن فىلىپ − 6 ۋە خانىش لېتسىيا بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ − 6 بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ پادىشاھ فىلىپ − 6نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى، شۇنداقلا دۇنياۋى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىسپانىيە خان جەمەتى جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، پادىشاھ فىلىپ − 6نىڭ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، ئىسپانىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئۆزگىچە رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە، تېخىمۇ مول تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە، تېخىمۇ خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يولدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش كېرەك، جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئاچسا بولىدۇ. خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قارشى تەرەپ دۆلىتىدىكى مەدەنىيەت ۋە تىل ئاپپاراتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشىنى ئۆزئارا قوللاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەگە قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق ئۇزارتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنى بارغانسېرى يېقىن ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمدىكى مەقسەت، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى پەرق ۋە ئىدېئولوگىيەدىكى ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئورتاق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئەركىن سودا قائىدىسى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
فىلىپ − 6 مۇنداق بىلدۈردى: ئىسپانىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە كۈچ چىقاردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كىشىلەرنى قايىل قىلدى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئىسپانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشى ئېلىپ كەلگەن مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد - سودا، سانائەت، پەن - تېخنىكا، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىسپانىيەگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەدەنىيەت، تىل، ساياھەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى خالايمەن. تارىخ ئالغا ئىلگىرىلىسىلا بولىدۇ، چېكىنسە بولمايدۇ. ئىسپانىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئىدىيەسى يۈكسەك بىردەك بولۇپ، ھەممىسىدە كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدۇ، تالاش - تارتىشلارنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدۇ. ئىسپانىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا سودا تەرتىپىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئون پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا فىلىپ − 6 ۋە خانىش لېتسىيا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
فىلىپ − 6 يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ فىلىپ − 6 بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. فىلىپ − 6 شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن فىلىپ − 6 ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.