
شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇساندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە پۇسان، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، خاۋ ۋېيۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇساندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھلاردىن، دوستلاردىن بولۇشى تارىخنىڭ ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، بەزى ئىختىلاپلارنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىش تەس، دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەزىدە سۈركىلىشمۇ بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. بوران - چاپقۇن ۋە خىرىس ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى رول باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى مۇقىم ئىلگىرىلىتىشى كېرەك. مەن داۋاملىق زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشنى، يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئېشىش نىسبىتى %5.2كە يەتتى، دۇنيا بىلەن بولغان مال سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت نىسبىتى %4 ئاشتى، بۇ، ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، تەستە قولغا كەلگەن. جۇڭگو ئىقتىسادى بىپايان دېڭىز، كۆلىمى، ئەۋرىشىملىكى، يوشۇرۇن كۈچى بىرقەدەر زور، بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىز بار، شۇنداقلا ئىقتىدارىمىز بار. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا كەلگۈسى بەش يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلىدۇق، ئەزەلدىن باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلىشنى، باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشنى ئويلىمىدۇق، بەلكى زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۇق. بۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم شىفىر. جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتتى، ئىشىنىمەنكى، بۇ يەنە جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا كوللېكتىپى مۇھىم ئىقتىساد - سودا مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈردى. ئىككى تەرەپ كوللېكتىپى كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تېزدىن ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە بېكىتىپ، ئورتاق تونۇشنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى يېقىنقى مەزگىلدە ئەگرى - توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، يەنە ئىككى تەرەپكە بىر قىسىم ئىلھام بېغىشلىدى. ئىقتىساد - سودا داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە توسالغۇ ۋە توقۇنۇش نۇقتىسى بولماستىن، بەلكى تۇراقلاشتۇرغۇچ ۋە ئالغا سىلجىتقۇچ بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ چوڭ ھېساباتنى قىلىپ، ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتنى كۆپرەك كۆرۈشى كېرەك، ئۆزئارا ئۆچ ئېلىشتەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قالماسلىقى كېرەك. ئىككى تەرەپ كوللېكتىپى داۋاملىق باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە سۆھبەتلىشىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتسا بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۆھبەتلىشىش تىركىشىشتىن ياخشى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى يول، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى ياخشى بولۇپ، ساھەلەر بويىچە تارماقلارنىڭ سۆھبەتلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر بار، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق بىر قىسىم چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ. كېلەر يىلى، جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئامېرىكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قوللاپ، ئىككى مەيدان باشلىقلار يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشسا بولىدۇ.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، شى جۇشى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغ رەھبەر، شۇنداقلا مېنىڭ كۆپ يىللىق ياخشى دوستۇم، بىز ناھايىتى دوستانە، ياخشى ئۆتۈۋاتىمىز. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراھى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ دۇنيادا نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. جۇڭگو 2026 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئامېرىكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالايمەن.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى. تىرامپ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.