شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2025-11-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنى كورېيەنىڭ چىڭجوۋ خېبەي يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، لۇ رۇي) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنى كورېيەنىڭ چىڭجوۋ خېبەي يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنياۋى ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادتىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايونغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بوران - چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، جاپا - مۇشەققەتتە شۇنچە ھەمدەم بولۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش - تەرەققىيات داۋامىدا پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى رايون ئىقتىسادىي مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە - پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ئۇدۇللىشىش، يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ - قۇۋۋەت توپلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. «قولنى قويۇۋېتىش»تە ئەمەس، بەلكى «قول تۇتۇشۇش»تا، «زەنجىرنى ئۈزۈۋېتىش» ئەمەس، بەلكى «زەنجىرنى ئۇزارتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى پائال تېپىپ چىقىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. قاتتىق تۇتاشتۇرۇش، يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئوچۇق تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

تۆتىنچى، سودىنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رەقەم تېخنىكىسىنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك يېشىل سودا توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېشىل كەسىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە يېشىل قېزىلما بايلىق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

بەشىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايوندىكى بارلىق خەلققە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يىغىنغا كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەلگۈسى بەرپا قىلايلى».

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.