شى جىنپىڭ تونگا پادىشاھى تۇپۇ − 6 بىلەن كۆرۈشتى

2025-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

http://uy.ts.cn/pic/003/529/430/00352943094_a23eb11d.jpg

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تونگا پادىشاھى تۇپۇ − 6 بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۇپۇ − 6 ۋە خانىش نانا سىپائۇ بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرفېڭ شىنرەن) 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تونگا پادىشاھى تۇپۇ − 6 بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تونگا بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان ھەقىقىي دوست، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تونگانىڭ ئىشەنچلىك ياخشى ھەمراھى، تونگانىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى باشتىن - ئاخىر قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تونگا تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا - سېلىنما، دېھقانچىلىق - بېلىقچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ساياھەت، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، تەنتەربىيە، ياشلار، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە تونگانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. تونگادىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈشتە بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوغا بولغان ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى. جۇڭگو دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دەل دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلىشى، تىنچلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. تونگا بىلەن بىرلىكتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، جۇڭگو − تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تۇپۇ − 6 مۇنداق بىلدۈردى: تونگانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تونگانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تونگا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. تونگا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، پاكىز ئېنېرگىيە، مائارىپ، داۋالاش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تونگا جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تونگا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تونگا پادىشاھلىقىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، داۋالاش، مائارىپ، تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا تۇپۇ − 6 ۋە خانىش نانا سىپائۇ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن تونگا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. تۇپۇ − 6 شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن تۇپۇ − 6 ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.