شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
■ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ،كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە 2025 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، 2026 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىل بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز تۈرلۈك زەربە ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئەمەلىيەت ئارقىلىق، بىز يېڭى ۋەزىيەتتە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا يەنە يېڭى تونۇش ۋە تەسىراتقا ئىگە بولدۇق: جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ چىقىش، جەزمەن سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش»، ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، جەزمەن نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جاپالىق مەشىق قىلىپ ئىچكى ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كونا مەسىلىلەر، يېڭى خىرىسلار يەنىلا ئاز ئەمەس، تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرى چوڭقۇرلىشىپ، دۆلەت ئىچىدە تەمىنلەش كۈچلۈك بولۇش بىلەن ئېھتىياج ئاجىز بولۇشنىڭ زىددىيىتى گەۋدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر بىرقەدەر كۆپ بولماقتا. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىيات جەريانىدىكى، تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، تىرىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشىدىكى تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كۈرىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى سىياسەت يۆنىلىشى جەھەتتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنىڭ توپلانما ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. زۆرۈر بولغان مالىيە قىزىل رەقىمى، قەرز ئومۇمىي كۆلىمى ۋە چىقىم ئومۇمىي مىقدارىنى ساقلاپ، مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باجدا ئېتىبار بېرىش، مالىيە ياردەم پۇلى سىياسەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەرلىكنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاش كېرەك. مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇۋاپىق ھەم كەڭ پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى، مال باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇل سىياسىتىدىكى مۇھىم ئويلىنىش قىلىپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فۇندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئامانەت قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل سىياسەت قورالىدىن جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل سىياسىتى ئۆتمە مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە كۈچەپ مەدەت بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە غەيرىي ئىقتىسادىي سىياسەت، ساقلانما سىياسەت ۋە كۆپەيمە سىياسەتنى ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشقا كىرگۈزۈش كېرەك. كۆزلىمە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش بېكىتىلدى.
بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىنىدۇ. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى چوڭقۇر يولغا قويۇلىدۇ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇلىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېڭەيتىلىدۇ. «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ئىستېمال ساھەسىدىكى نامۇۋاپىق چەكلەش تەدبىرلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى قوزغىتىلىدۇ. سېلىنمىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما كۆلىمى مۇۋاپىق ئاشۇرۇلۇپ، «ئىككى مۇھىم» تۈرنى يولغا قويۇش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىچە سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىنىڭ رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدۇ. شەھەر يېڭىلاش يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىشتۈرۈش، زورايتىش تېزلىتىلىدۇ؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي)، شاڭخەي (چاڭجياڭ دېلتىسى)، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى كۈچەيتىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى نىزامى تۈزۈپ چىقىلىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەت چوڭقۇر تۈزىتىلىدۇ. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يۈرۈشلەشكەن نىزام، سىياسەتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش تېزلىتىلىدۇ. سۇپا كارخانىلىرى ۋە سۇپىدىكى تىجارەتچىلەر، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېڭەيتىلىدۇ. يەرلىكنىڭ باج سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.
تۆتىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، كۆپ ساھەدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش تەرتىپلىك كېڭەيتىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ جايلىشىش دائىرىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىدۇ. سودا، سېلىنمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. مۇلازىمەت ئېكسپورتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىپ، رەقەملىك سودا، يېشىل سودا پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. مەملىكەت سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ رايون ۋە ئىككى تەرەپ سودا سېلىنمىسى كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ.
بەشىنچى، ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى قاتتىق ساقلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇلۇپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىق سەۋىيەنى ساقلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ بىرتۇتاش يولغا قويۇلۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكى چىڭ ساقلىنىدۇ. ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. نۇقتىلىق شەھەرلەر توپىنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى كۈچەيتىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئاساسلىق دېڭىز قولتۇقلىرىنى بىر پۈتۈن پىلانلاش كۈچەيتىلىپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.
ئالتىنچى، «قوش كاربون»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېشىل توكتىن پايدىلىنىش كېڭەيتىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى چوڭقۇر ياخشى قىلىنىپ، يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەش كۈچەيتىلىدۇ. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلارنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، شىمالىي رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تېزلىتىلىپ، ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.
يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلىدۇ. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى خادىملارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. مائارىپ بايلىقىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى بىلەن تەمىنلىشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى كۆپەيتىلىدۇ. دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بارلار توپىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئاكتىپ ئۆيلىنىش - تۇغۇش قارىشى تەشەببۇس قىلىنىپ، تىرىشىپ يېڭى تۇغۇلغان نوپۇس كۆلىمى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەر پۇختا، ياخشى ئىشلىنىدۇ.
سەككىزىنچى، تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر پائال، پۇختا تۈگىتىلىدۇ. ئۆي - زېمىن بازىرى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىلىپ، كۆپەيمە مىقدار تىزگىنلىنىپ، قالدۇق تۈگىتىلىپ، تەمىنلەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىپ، نۇقتىلىق ھالدا كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرى پائال، تەرتىپلىك تۈگىتىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قەرزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يوشۇرۇن قەرزنى يېڭىدىن كۆپەيتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. قەرزنى قايتا تەشكىللەش ۋە ئالماشتۇرۇش چارىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز خەۋپ - خەتىرى تۈگىتىلىدۇ.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ، ئەمەلىي بولغان نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاھالىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھات بىلەن سىياسەتنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە بازار كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىيەت ئىچىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر يولى، ۋەزىپىسى، سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «تەكلىپ»ى بويىچە دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياخشى سىياسىي مۇھىت، ئىختىساسلىقلار مۇھىتى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئاكتىپ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.