شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2025-12-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردۇڭ شۆ، فېڭ شىنرەن) 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە يىراقنى كۆرەر، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجابىي كۈچ. ھازىر، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىيلىك بىلەن تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، باشتىن - ئاخىر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسۋىتىنى «يېڭى 60 يىل»دا تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەيلى تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى ۋە مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى نامايان قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، شۇنداقلا دۇنيانى بىر «پۇرسەت تىزىملىكى» بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، بىيوتېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل مۇھىت ۋە مۇقىم كۆزلىمە بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ قالتىس سەھپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا تولىمۇ تىنچ ئەمەس، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ نۇقتىدىن ئەۋج ئالدى، مۇرەككەپ، ھەل قىلىش تەس. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، تالاش - تارتىشلارنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھازىر، دۇنيادا جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ماسلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، دۇنياۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق بولۇشىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئالاقىسى، ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇردى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى چوڭقۇر گىرەلەشتى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش پۇرسەت ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلدى، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» بېكىنمىچىلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. قورۇقچىلىق دۇنيانىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە خەلقئارا سودا مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى تەرەپ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان توغرا يولنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، فىرانسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشنى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دوستانە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە تېخىمۇ كۆپ بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئادىل، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگو سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشى، ياۋروپا ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتى مۇقىم بولماسلىق، كۆپ تەرەپلىك تەرتىپنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى ئالدىدا، فىرانسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، كەم بولسا بولمايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار پىكرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ تىنچلىققا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدۇ، داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن كىرىزىسنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يادرو ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، مائارىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ماكرون ۋە رەپىقىسى برىگىت ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ماكرون يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ماكرون شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ماكرون ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.