
يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! يىللار تەرتىپ بويىچە ئالمىشىپ، شانلىق سەھىپىلەر پۈتۈلدى. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!
2025 - يىلى «14 - بەش يىل» تاماملىنىدىغان يىل. بەش يىلدىن بۇيان، بىز غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا يېڭى ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتتى، بۇ يىل 140 تىرىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلىنىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ يارقىن ئاساسىي رەڭگە ئايلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بەش يىللىق مۇساپە ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. كۆپچىلىك كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەجىر سىڭدۈرۈپ تۆھپە قوشۇپ، گۈللەپ ياشنىغان جۇڭگونى بارلىققا كەلتۈردى. مەن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
بۇ بىر يىلدا، ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى شۇكى، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدۇق، تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى خاتىرە كۈنىنى تەسىس قىلدۇق. دۆلەتنىڭ كاتتا مۇراسىمى ھەيۋەتلىك ۋە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، غەلىبە شان - شەرىپى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلۈپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
بىز يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتۇق. پەن - تېخنىكا بىلەن كەسىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس - بەستە مەيدانغا كەلدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ مودېللىرى ئۆزئارا بەسلىشىپ، ئۆزەكنى ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ تېز ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تيەنۋېن 2 - نومۇر «پىلانېتلارنى كېزىش» سەپىرىنى باشلىدى، يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكا رەسمىي سەپكە كىرگۈزۈلدى. ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم «گۇمپا ھالىتى»نى نامايان قىلدى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ گۈزەل «ساليوت» مەنزىرىسى ھاسىل قىلدى. يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا تۇرمۇشنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.
بىز مەدەنىيەت ئارقىلىق مەنىۋى ماكانىمىزنى ئوزۇقلاندۇردۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، دۇنيا مىراسلىرىغا يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى، ۋۇكۇڭ ۋە نېجا پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشلاندى، قەدىمىي جۇڭگو ئۇسلۇبى ياشلار نەزەرىدىكى «ئەڭ مودا گۈزەللىك»كە ئايلاندى. مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، «شەھەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى قىشتىكى قايناق ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى. ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچتى.
بىز بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئورتاق بەھرىلەندۇق. مەن شىزاڭ، شىنجاڭغا بېرىپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتىم، قارلىق ئېگىزلىكتىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغىچە، ھەر مىللەت ئامما قەلبداش بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، كۆپچىلىك ئاپئاق خادا، قىزغىن ناخشا - ئۇسسۇللىرى بىلەن ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، بەختلىك تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى. خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئۆتكەن بىر يىلدا، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ياشانغانلارغا قولايلىق ياراتتى، بالىلىق ئائىلىلەرگە ھەر ئايدا 300 يۈەن ياردەم پۇلى كۆپەيتىپ بېرىلدى. كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئۈچ ۋاق تاماق، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە، ھەربىر «كىچىك ئائىلە» قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ «چوڭ ئائىلە» كۈنسېرى گۈللەپ روناق تاپتى.
بىز داۋاملىق كەڭ قۇرساقلىق بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچتۇق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، خەينەن ئەركىن سودا پورتى پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈردى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلىدى. «ئۈچ چوڭ تەشەببۇس»تىن كېيىن، مەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇم. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، بەزى رايونلار يەنىلا ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە تۇرماقتا. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
يېقىندا، مەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاي بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرگە ئىلگىرىلىدى، بۇ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشنى ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قان بىلەن گۆشتەك يېقىن، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يۈزلىنىشنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ!
پارتىيە گۈللەنسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، چىرىگەن مۇسكۇلنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭىتىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەنئەندىكى «گەمىدىكى سوئال»غا داۋاملىق ياخشى جاۋاب بېرىپ، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. ئىرادىلىكلەر جەزمەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشتىن بۇرۇن پىلان تۈزىدۇ. بىز نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.
قەلبتە ئارزۇ بولسىلا، مەنزىل يىراق بولسىمۇ، يولنىڭ جاپالىق ھەم يىراقلىقىنى ھېس قىلمايدۇ؛ گەرچە يول ئۇزۇن بولسىمۇ، يەنىلا قەددىنى تىك تۇتۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. بىز باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارىتىمىزنى نامايان قىلىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، توختىماي كۈرەش قىلىش غەيرىتىمىزنى ساقلاپ، بىرلىكتە ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بەخت ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.
يېڭى يىل قۇياشى كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ۋەتىنىمىز تاغ - دەريالىرىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، زېمىنىنىڭ باي - باياشاد بولۇشىغا، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ سەھەردىكى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈشىگە تىلەكداشمەن! كۆپچىلىكنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىغا، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!