
1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 10 - ئايدا، بىز كورېيە چىڭجوۋدا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشتەك يېڭى ۋەزىيىتىنى باشلىدۇق. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا باشلاش توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. ئىككى تەرەپ تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن جۇڭگو - كانادا يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىدىن، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن كانادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 55 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇن ۋە تۈرلۈك داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە ۋە رېئال ئىلھام قالدۇردى. گەرچە جۇڭگو بىلەن كانادا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان سىياسىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، دۆلەت بىلەن دۆلەت توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. جۇڭگو - كانادا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىش داۋامىدا نەپكە ئېرىشىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشى سىجىل تۈردە جۇڭگو - كانادا ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قوشۇش ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىنىپ، پاسسىپ تىزىملىك جەھەتتە ئېلىش ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ بولغان ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەت رىشتىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئەڭ ئۇللۇق، ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە ئىلھام بېرىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. پارچىلانغان دۇنيا ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش چىقىش يولىدۇر. جۇڭگو تەرەپ كانادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
كارنېي مۇنداق بىلدۈردى: كانادا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، پۇرسەتكە تولغان. كانادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. كانادا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. كۆپ تەرەپچىلىك دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنىڭ ئۇل تېشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، كانادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن كانادا رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتى توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.