شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى ھەم ئويۇننى كۆردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2026 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى!
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. بىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، نۇرغۇن چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى قىلدۇق. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. بەش يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئىرادىمىزنى، شىجائىتىمىزنى، ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملىشى، كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
چاي سۆھبىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.
ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى نەق مەيداندا ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئاخىرىدا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» ناملىق ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. يىغىن مەيدانى خۇشال - خۇرام ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.