شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى
تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك
لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى، لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاش، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە تۈرتكە بولدى؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ تەلەپ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى تۈگىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق ۋەزىپە - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزىتىشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە يول ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىشى كېرەك. بۇ يىل يەرلىكتە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش باشلىنىدۇ، ھەقىقىي سادىق، ئىشەنچلىك، دىلى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولغان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا مۇھىم بولغىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قاتتىق قائىدە تۇرغۇزۇپ، قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېپيېڭى تۈسكە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاشتا، ھەم تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى چىڭىتىش ئەمما مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىك، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان قىلىش، ھەم تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن - نىزام، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قانۇن - نىزام، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە توك بار يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىرىنچى باشلىق» باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. قانۇن - نىزام، تۈزۈم تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قانۇن - ئىنتىزامنى چۈشىنىش، قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەيمىنىشنى بىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان زور كۈرەش. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، بۇ يولنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇپ، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاپ، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان ھېچقانداق جاي قالدۇرماسلىق كېرەك. چىرىكلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلەپ، ۋاسىتە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈزەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكىلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، پاكلىق جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش تەلىپى بويىچە، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىش كېرەك.
لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى كۆزدە تۇتۇلۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن لى شى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، <15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.