مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى

2026-02-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى جۇڭگو تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى، ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرمېي چاڭۋېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگو تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى، ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پايتەخت بېيجىڭدا بايرام كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھەممە جاي ئىناقلىققا تولدى، جۇڭگو تىياتىرخانىسى بايراملىق خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى. يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلار خۇشال جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلار ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيە ئىشلىرىدا بېسىپ ئۆتكەن قالتىس مۇساپىنى، قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

«بايراق يول باشچىمىز، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز! پېچتا تاۋلىنىمىز، تاۋلانغانسېرى قەيسەر بولىمىز!» «مەڭگۈلۈك شان - شەرەپ» ناملىق ئومۇمىي خورنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئويۇنغا تەرتىپكە سېلىپ يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ 100 يىلغا ئاتلىنىشتىن ئىبارەت روشەن باش تېما سىڭدۈرۈلدى، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنىڭ يېڭى قىياپىتى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يېڭى ئۈنۈمى گەۋدىلىك نامايان قىلىندى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يادرونى قەتئىي قوغداش، قوماندانلىققا قەتئىي بويسۇنۇشتىن ئىبارەت ئورتاق قەلب ساداسى ئىپادىلەندى. چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان «قورال - جابدۇقلىرىمىز سەرخىل، جاسارىتىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك» ناملىق خور، «ئۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمىز» ناملىق لەپەردە دىققەت قىسىمنىڭ ھەربىي مەشىق، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش قىزغىن ئەمەلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىقى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «چىلۈ . ئۇزۇن سەپەر» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك ناخشىدا قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن - رەقىبلەرنى مەغلۇپ قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى مەدھىيەلىنىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە ياخشى مېڭىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادە ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇتۇلدى. «قولىمىزدا قورال، قەلبىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ»، «شىجاڭنىڭ يېشىل ھەربىي يوتقىنى بار»، «سەپداشلار ناخشىسى» قاتارلىق كىلاسسىك كونا ناخشىلار بىرلىكتە ئورۇنلىنىپ، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى مەدھىيەلەندى، قىزىل گېننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقى نامايان قىلىندى. «قەلبداشلار ئورتاق مېلودىيەسى» ناملىق مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇلى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، بەختلىك تۇرمۇش ياراتقانلىقى مەدھىيەلىنىپ، پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئىپادىلەندى. «قىزىل يۇلتۇزنىڭ چاقىرىقى» ناملىق ئېتۇتتا ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن بولغان زامان - ماكان ھالقىغان دىيالوگى ئارقىلىق، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ساپ، شەرەپلىك تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىشنى مۇستەھكەملەش نامايان قىلىندى. «ئىللىقلىق» ناملىق لەپەردە باش قومانداننىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى تولۇق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەتئىي تۈردە بىردەكلىكنى ساقلاپ ئەگىشىپ مېڭىش، ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇيۇل تاشتەك ئېتىقادى نامايان قىلىندى. «بىز يېڭى بىر مەنزىلگە قەدەم قويدۇق، بىز سىزگە ئەگىشىپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيمىز»، «پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئالغا ئىلگىرىلەيمىز» ناملىق ئومۇمىي خوردا خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداش ئىرادىسى ۋە غەيرىتى روشەن ئىپادىلەندى. بارلىق نومۇرلاردا يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلغان، جۇشقۇن يۇقىرى ئۆرلەش روھى ئۇرغۇغان بولۇپ، ئارمىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىشتەك جۇشقۇن كەيپىيات نامايان قىلىندى.

جاڭ شېڭمىن ئويۇننى بىرلىكتە كۆردى.

ئويۇننى كۆرگەنلەردىن يەنە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى رەھبەرلەر ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بار.