
1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېر بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاۋ يىبو) 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا بولسۇن ياكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بولسۇن، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە چوڭ تارىخ قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە ھەمكارلىقىدا «نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان» يوشۇرۇن كۈچنى «زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدىغان» ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش، ھەم دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا ئىشىنىش دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغىمىدى، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدى، جۇڭگو مەيلى قانداق تەرەققىي قىلىپ زورايسۇن، باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ. جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى «ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش»، ئىنتىلىدىغىنى «ئىناق ئۆتۈش، ئەمما پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش». جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلىنىدىغان يىل، ئىككى تەرەپ مائارىپ، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە، مۇلازىمەت كەسپىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيولوگىيە ئىلمى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە بىرلەشمە تەتقىقات ۋە كەسىپنى ئايلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ھەر ئىككىلىسى مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، يەرلىكتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگوغا بولغان ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، توغرا تونۇشنى ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ پائال ئويلىشىپ ئەنگلىيەگە قارىتا يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زوراۋانلىق سىياسىيسى ئەۋج ئېلىپ، خەلقئارا تەرتىپ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا قانۇن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر تېخىمۇ باشلامچى بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئورمان دۇنياسىغا قايتىدىغان ئىش بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ھەر ئىككىلىسى كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان دۇنياۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ستارمېر پادىشاھ چارلېس Ⅲنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. ستارمېر مۇنداق بىلدۈردى: سەككىز يىلدىن بۇيان جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ قېتىم مەن ئەنگلىيەنىڭ سودا - سانائەت، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى 60 نەچچە مۇھىم ۋەكىلنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولدۇم، بۇ، ئەنگلىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكىنى ۋە ئەنگلىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان نازۇك خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش روھى بويىچە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئۇزاقتىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. خەلقنىڭ ئارىلىشىشى قانچە قويۇق بولسا، چۈشىنىشنى كۈچەيتىشكە شۇنچە پايدىلىق، ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئەنگلىيە تەرەپ شياڭگاڭنىڭ ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىم كۆۋرۈك بولۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.