شى جىنپىڭ ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2026-02-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىردۇڭ شۆ) 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي دېڭىز - ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، دوستلۇقى چوڭقۇر. 38 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانىدى. 38 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت بىللە ئۆتۈش يولىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ بۈك - باراقسانلىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي ئىككى دۆلەت داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر، ھەر تەرەپلىمە دوستلۇق ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، شۇنداقلا ئۇرۇگۋاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۇچۇر - ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى بىلەن ئۇرۇگۋاي خەلقى تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، يەككە تەرەپلىك مۇشتۇمزورلۇق بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاينىڭ «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو»نىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى قوللايدۇ، ئۇرۇگۋاي تەرەپ بىلەن بىللە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئۇرۇگۋاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ھەم جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى قوللايدۇ، ئۇرۇگۋاي تەرەپ ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئولسى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ دۇنياغا تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈن دەل ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 38 يىللىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو ئۇرۇگۋاينىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، ئۇرۇگۋاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خالىس ياردەم بەردى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇرۇگۋاينىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلىنىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇرۇگۋاي تەرەپ قەتئىي تۈردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قوللايدۇ. ئۇرۇگۋاي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشى كېرەك. ئۇرۇگۋاي تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، خىرىسقا تولغان خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئون پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئولسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئولسى يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئولسى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئولسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو - ئورۇگۋاي ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.