14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2026-03-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جاۋ لېجى ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت گېربى قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2878 كىشى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقان كىشى 2765 بولۇپ، 113 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جاۋ لېجى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2025 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەر؛ ئۈچىنچى، 2026 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۈزلىنىشى؛ تۆتىنچى، 2026 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى تولىمۇ ئالاھىدە بىر يىل بولدى. ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، بىر يىلدىن بۇيان ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق: بىرىنچى، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچىدۇق؛ ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇردۇق؛ تۆتىنچى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى پائال راۋاجلاندۇردۇق؛ ئالتىنچى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق؛ يەتتىنچى، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگرامما»سىدا بېكىتىلگەن 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، 17 جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، 102 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى غەلىبىلىك ئورۇندالدى.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)»نى تۈزۈپ چىقىپ، يىغىننىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تەكلىپ»تە بېكىتكەن ئاساسلىق نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «پىروگرامما (لايىھە)»دا 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنى ساھەلەر بويىچە بايان قىلىپ، تۆت تەرەپنى گەۋدىلەندۈردۇق: بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈردۇق، ئىككىنچى، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈردۇق، ئۈچىنچى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈردۇق، تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى گەۋدىلەندۈردۇق؛ «15 - بەش يىل»دىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىكلىكى، يېتەكلەشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقلىقىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، «پىروگرامما (لايىھە)»دا ئالتە جەھەتتىكى 109 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىقتىسادنى4.5تىن5كىچە ئاشۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش؛ شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى5.5 ئەتراپىدا بولۇش، شەھەر - بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى2 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدى مىقدارىنى3.8 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بىز چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك: قۇدرەتلىك ئىچكى بازارنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز؛ يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز؛ نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز؛ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز؛ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز؛ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشقا ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز؛ خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز؛ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمىز؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى ۋە بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.

دوكلاتتا، لى چياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2025 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2026 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2025 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم 2026 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ ئايرىم - ئايرىم ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيە، تۈزۈم، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قانۇن دەستۇرى شەكلىدە بېكىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتقا دائىر قانۇن - تۈزۈم، مېخانىزم ۋە قائىدە، ئۆلچەملەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تۈزۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، سىستېمىلىق، قېلىپلاشقان، ماسلاشقان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى مۇكەممەل بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. ئىزاھاتقا ئاساسەن، لايىھە جەمئىي بەش قىسىم، 1242 ماددا بولۇپ، ھەرقايسى قىسىملار تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي پىرىنسىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، قانۇنىي جاۋابكارلىق ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىلىرى، پىرىنسىپى ۋە روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلىنى پۇختىلايدۇ. بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قانۇن چىقىرىشتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى. لايىھەدە «كىرىش سۆز + يەتتە باب» شەكلى قوللىنىلدى، جەمئىي 64 ماددا.

دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇزاقتىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇنىنى تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك يېتەكچى ئىدىيە ۋە پىرىنسىپ، ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش، يولغا قويۇش ھەم ئۇنى نازارەت قىلىش قاتارلىق كونكرېت تەرتىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بەلگىلەش قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش ۋە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قانۇن چىقىرىشتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىپ، ئاساسىي قانۇن ئاساس قىلىنىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار قانۇن - تۈزۈم ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتىلىپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى، دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى. لايىھە ئالتە بابقا بۆلۈنگەن، جەمئىي 38 ماددا.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ شېڭمىن، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن قاتارلىقلار بار.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.