
3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا دوستانە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي داھىيسى، خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا دوستانە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تۈركمەنىستاننىڭ مىللىي داھىيسى، خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى. يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ. تۈركمەنىستان مۇستەقىل بولغان 35 يىلدىن بۇيان، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. ئات يىلى باشلاندى، جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو - تۈركمەنىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، باشتىن - ئاخىر تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى قوللايدۇ، باشتىن - ئاخىر تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق بايلىقتىن باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەركىزى، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ھازىر دۇنياۋى خىرىس ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.
بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى دۇنيانى مەنپەئەتلەندۈردى. جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى تېز، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بېيىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى. تۈركمەنىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. تۈركمەنىستان تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق پىلانلاپ، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك ئورنىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك داھىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئىزچىل ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. تۈركمەنىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.