شى جىنپىڭ موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2026-04-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چابو ۋە رەپىقىسى گېتا بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارشاۋ يىبو، ساۋ جيايۆ) 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - موزامبىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موزامبىكنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تارىختىن، تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن موزامبىك ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقى ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - موزامبىك دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ۋە 2026 - يىللىق «جۇڭگو − ئافرىقا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دوستانە ئۆتۈش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو - موزامبىك مۇناسىۋىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. ئىككى تەرەپ ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ھۆكۈمەت، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن موزامبىك ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش ھەمكارلىقى يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئاپپاراتلار ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، بىرلىكتە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى باشلىغان 70 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ۋەكىللىكىدىكى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر باشتىن - ئاخىر داۋالغۇپ تۇرغان، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى ھەققانىيەت كۈچى بولۇپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش تەسىرى سىرتقا كېڭىيىپ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، تىنچلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ. بىرىنچىدىن، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىرلىكتە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىرادىنى ساقلاپ تەرەققىياتنى كۆزلەيدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىش مۇساپىسىدە، باشتىن - ئاخىر ئافرىقىنى ئالاھىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، «يېشىل يول»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ ئۈلگە تىكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ساداسىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

چابو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتى رەھبىرى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، بۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ۋە قېرىنداشلىق رىشتىنى گەۋدىلەندۈردى، موزامبىك خەلقىگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو موزامبىكنىڭ ھەقىقىي دوستى، باشتىن - ئاخىر موزامبىككە خالىس مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ كەلدى، موزامبىك جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا شەرتسىز ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ. موزامبىك تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى موزامبىك - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىشنى خالايدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە بولغان تاموژنا بېجى ئالماسلىق سىياسىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇھىم ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى، موزامبىك تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ۋە ئاخبارات تاراتقۇسى قاتارلىق ساھەلەردىكى 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن موزامبىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - موزامبىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا چابو ۋە رەپىقىسى گېتا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

چابو يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - موزامبىك ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. چابو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چابو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.