ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېپيېڭى سىياسىي قىياپەت بىلەن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

2026-04-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېپيېڭى سىياسىي قىياپەت بىلەن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرمېي چاڭۋېي) پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىز كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پاكلىقى ۋە شان - شەرىپىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يېپيېڭى سىياسىي قىياپەت بىلەن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز غايە - ئېتىقاد ئارقىلىق ئۇيۇشقان، بۇ پارتىيەگە كىرگەندە، بۇ ئارمىيەگە قاتناشقاندا، ماركسىزمغا چىن قەلبتىن ئىشىنىش كېرەك، پارتىيەگە بولغان ئېتىقادقا، پارتىيە تەشكىلاتىغا، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولۇش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيەدىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭىتىپ، راست گەپ قىلىدىغان ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، باشقىلارنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىقنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلەيدىغان، سەمىمىي تەكلىپ بېرىدىغان، دادىل كۈرەش قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان، خىيانەتچىلىك قىلىدىغان، چىرىكلىشىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى بىلەن پەقەتلا سىغىشالمايدۇ. ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئاممىنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇشى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بارلىق شەخسىي غەرەزنى يېڭىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلدارلىق كىبىرىنى تاشلاپ، ئىنقىلابىي ھەربىيلەر خىسلىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يېڭى كەيپىيات، توغرا ئىستىلنى قىسىمدا تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. قانۇن - ئىنتىزامنى چۈشىنىپ، قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەيمىنىشنى بىلىپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قانۇن - نىزام، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئادەم بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز تۈرلۈك خاتا ئىدىيەۋى ئىستىل بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغان. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق ئارمىيەسى چوقۇم يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى مىسلىسىز ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ئارقىلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلارغا يۈز كېلەلەيدىغان، يۈز يىللىق ئۇلۇغ ئىشلارغا يۈز كېلەلەيدىغان، ئۇلۇغ دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شېڭمىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - قارارلىق پۈتۈن ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى. ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئالاقىدار ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.