
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا پۇتىن ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ۋېن شىن) 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىچىك دائىرىلىك، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، قانۇن شەكلى ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىللىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش تۈزۈم ئاساسىنى بېكىتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ بۈگۈنكى بۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكى ئىككى تەرەپنىڭ «تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ بولدۇق قەيسەر» دېگەن كۈچلۈك ئىرادە بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىدىن، «تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش» روھى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتكەنلىكىدىن، «قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا تەمكىن بولۇش» جاسارىتى بىلەن خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىدىن بولدى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى مۇھىم چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ھەققانىيلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغان، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىردى. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، ساغلام، مۇقىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىشى، ھەمكارلىق سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشى، دوستلۇق يولىنىڭ ماڭغانسېرى كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ دىققەتنى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، مۇكەممەل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، ئېنېرگىيە بايلىقى، قاتناش - تىرانسپورت، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنقى سەپ ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق ئېشىش يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىشى كېرەك؛ مەۋقەنى ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشقا قويۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، كىنو، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ سودىسى مۇقىم ئاشتى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجدا ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، «رۇسىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، «رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى» باشلىنىدۇ. رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە پۇختا قانۇنىي ئاساس سالدى، بۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە شەرتنامىنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇھىم مۇقىملىق ئامىلى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە تەسىرىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - رۇسىيە زۇڭلىلىرى قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى رامكىسىدىكى مۇئاۋىن زۇڭلى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىككى تەرەپ رەئىسلىرى دوكلات قىلغان مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد - سودا، شەرقىي شىمال − يىراق شەرق، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، ئىقتىساد - سودا، مائارىپ، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى 20 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى ھەم باشقا ساھەلەردىكى 20 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ھاسىل قىلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا پۇتىن ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
پۇتىن يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا پۇتىن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.