شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2026-05-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرياڭ يىجۈن) 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

جۇڭگو - سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك «دوستلۇق ئوردېنى» سۈرىتى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ مۇراسىم ئەسكەرلىرى ئوردېن تارقىتىش سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تىك تۇراتتى.

مۇراسىم باشلىنىپ، جاراڭلىق مۇراسىم مۇزىكىسى ياڭرىدى، ئالتۇن رەڭلىك دەرۋازا ئاستا - ئاستا ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىرلىكتە زالغا كىردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ رەپىقىسى تامارا بىللە كىردى. پۈتۈن مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلار ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن چاۋاك چېلىپ، نەزەر سالىمى بەردى.

شى جىنپىڭ بىلەن ۋۇچىچ ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىگە چىقتى.

ھەربىي ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقىغا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، ئۇ جۇڭگو - سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىسى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىسى. جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپنى ئەڭ قەتئىي، ئەڭ ئېنىق قوللاپ، كەڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ نادىر تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئورتاق بەرپا قىلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى قوللاپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت يارىتىپ، دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دوستلۇق ئوردېنى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنى، بۇ ئوردېن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقى قان بىلەن ئوتتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ھازىرقى كۆپ ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېخىمۇ قىممەتلىك. جۇڭگو - سېربىيە خەلقى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا قەتئىي ئىنتىلىدۇ، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىش يولىدا جەزمەن ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئارقىدىن، پارتىيە ۋە دۆلەتكەتۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش بۇيرۇقى»نى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھۆرمەت قاراۋۇللىرى «دوستلۇق ئوردېنى»نى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىردى.

ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا ۋۇچىچقا ئوردېن ئېسىپ قويدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ھەربىي ئوركېستىر سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

ۋۇچىچ مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ماڭا «دوستلۇق ئوردېنى» بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن سېربىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن بۇ ئوردېننى قوبۇل قىلدىم. بۇ، ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم پەيتلەرنىڭ بىرى، بۇ ئوردېن مېنىڭ ئەڭ يۈكسەك شان - شەرىپىم بولۇپلا قالماي، سېربىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئېتىراپ قىلغانلىق. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر كىچىك دۆلەتلەرنى ھۆرمەتلەپ كەلدى، مۈشكۈل پەيتتە ھەمىشە سېربىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سېربىيە تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى، بىز جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. مەن سېربىيە - جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرىغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سېربىيە - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمەن.

پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەي چى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.