شى جىنپىڭ شەندۇڭنىڭ دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۇختا تەدبىر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەك ۋە ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش كېرەك

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لىڭچېڭ رايونى بيەنلىن بازىرىنىڭ دۇڭيۈجيا كەنتىدە، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لىڭچېڭ رايونى بيەنلىن بازىرىنىڭ شىيۈجيا كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شەندۇڭ دېجوۋ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجوۋ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقى ۋە سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، پۇختا تەدبىر ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى ئەمگىكى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.
6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن ۋۇ ۋە ئۆلكە باشلىقى جوۋ نەيشياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، دېجوۋ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
دەل يازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى بولغاچقا، ئېتىزلاردا ئالدىراش دېھقانچىلىق مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ دېجوۋ شەھىرى لىڭچېڭ رايونى بيەنلىن بازىرىنىڭ دۇڭيۈجيا كەنتىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، بۇغداي ھوسۇلى، كۆممىقوناق تېرىش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ ئېتىزلارغا، سۇغىرىش ئۆستىڭى بويلىرىغا بېرىپ، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ بۇ يىل بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ يەنە ئاشقانلىقىنى، قوناق تېرىشنىڭ دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىلغار، قوللىنىشچان سورت، تېخنىكا، جابدۇقلارنى پائال كېڭەيتىپ، بىرلىك ھوسۇل ۋە ئۈنۈمنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئاپەتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ يېقىن ئەتراپتىكى «مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت» شىيۈجيا كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ كەنت پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، شۇ جاينىڭ رايونچىلاشتۇرۇپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى ھەم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كەنت كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئاجرىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كەنت ئاھالىسى يۈ شىنخۇينىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئۆي سەرەمجانلىرىنى كۆردى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سەمىمىي سورىدى، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سىياسىتىنىڭ تولۇق جايىدا ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئەڭ ئاخىرىدا خەلققە بەخت يارىتىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خىزمەتكار بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.
كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «1 - ئىيۇل» كېلەي دەپ قالدى، بىز پات ئارىدا پارتىيەنىڭ 105 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىمىز. 105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. ھازىر، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە ماكانىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.