
5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى تامارا بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى مەن سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى، ھەم دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن سېربىيە مىللىتىدىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، قەتئىي تەۋرەنمەس، ئېگىلمەس - سۇنماس روھىي پەزىلەتكە ئىگە، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشقا قەتئىي ئىنتىلىدۇ، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ھەققانىيەت ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت پارلاق يولنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو - سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى ئۆزگىچە بىر بايراق بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي لوگىكا ۋە رېئال ئاساسقا ئىگە. ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللايدۇ، سېربىيە تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يېڭى پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دولقۇنى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېنېرگىيە، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئېچىشى كېرەك. بۇلتۇر «جۇڭگو - سېربىيە خەلقى دوستلۇقىنىڭ 70 يىللىقى»نى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئىككى تەرەپ ياشلار ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش + ئەركىن سودا + بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە» ئىستېرېئولۇق قۇرۇلمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساياھەت، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، جۇڭگو - سېربىيە خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەت خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈزگەنلىكى ھەم يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سېربىيە جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. سېربىيە - جۇڭگو خەلقى تەۋرەنمەس دوستلۇققا ئىگە. سېربىيە خەلقى جۇڭگونىڭ سېربىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقى، تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدەنگەنلىكىگە مەدەت بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقى ھەم مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىچىك دۆلەتلەرنى باشتىن - ئاخىر باراۋەر ھۆرمەتلەپ كەلدى، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولدى. سېربىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى 20 نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى تامارا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ۋۇچىچ يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ۋۇچىچ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ۋۇچىچ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.