شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

2026-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېڭى دېھلى، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخاۋ ۋېيۋېي،ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمراھلاردىن بولۇشى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، مەن زۇڭلى مودى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچراشتىم، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ «يەنە ئاتلىنىش»تىن «يەنە يۈكسىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالاقىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، ھەمكارلىق تىزىملىكى ئۈزلۈكسىز ئۇزاردى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلدى، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا قوللاپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلسا تامامەن بولىدۇ. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككى دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە بولغان ئىستراتېگىيەلىك تونۇش ئارقىلىق يۆنىلىشنى توغرىلاش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەت رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىق ھەمراھى، بىر - بىرىگە تەھدىت ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات پۇرسىتى. بۇ، ئىككى دۆلەت تۇرۇۋاتقان تەرەققىيات باسقۇچى ۋە خەلقئارا مۇھىت ئاساسىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ دىققەتنى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، دوستانە ئالاقە ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئادىمىيەت، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشى كېرەك. بىر - بىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا جەھەتتە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق كاشىلىلارنى تۈگىتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە چېگرا مەسىلىسىدە قوش يولدا تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك. تۆتىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. بىر - بىرىنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى ئۆزئارا قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش كېرەك.

مودى مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆپ قېتىم مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۈم، ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، بۇ، ئىككى دۆلەتتىكى 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ھىندىستان بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىدى. ھىندىستان تەرەپ باشتىن - ئاخىر ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ بولۇشنى، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى خىرىس ئەمەس بەلكى پۇرسەت دەپ قاراشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ھىندىستان تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى سىياسىتى ۋە مەيدانى ئۆزگەرمىدى، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھىندىستاندا جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ. ھىندىستان تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغدىشى كېرەك. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندىستاننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى مۇقىملىق كۈچى، ئىلگىرىلەش كۈچى بولۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.