شى جىنپىڭ قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2026-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قاھىرە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ سېسى ۋە رەپىقىسى نەق مەيدانغا بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىيىن بوگۇفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارچېن مېڭياڭ، شاۋ يىبو) شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قاھىرەگە يېتىپ بېرىپ، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن مىسىردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قاھىرە خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ سېسى ۋە رەپىقىسى نەق مەيدانغا بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى، مىسىر ياش ـ ئۆسمۈرلىرى جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن مىسىر ھۆكۈمىتى ۋە مىسىر خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى قويۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن جۇڭگو ـ مىسىر مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو ـ مىسىر دوستلۇقىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.