
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن ئاقسارايدا قارشى ئېلىش دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ شىڭتاڭ، ليۇ سى) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن ئاقسارايدا قارشى ئېلىش دۆلەت زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئاقسارايغا يېتىپ بارغاندا، تىرامپ ۋە مېلانىيا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم زىياپەتكە قاتناشقان مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
زىياپەت باشلانغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن تىرامپ ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىلىق ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 5 - ئايدا، زۇڭتۇڭ تىرامپ جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى. قىسقىغىنا يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئالاقىسى تارىخىنى ياراتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە يەنە نۇرغۇن يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 200 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپ، نەزەرىنى جۇڭگوغا قاراتقانىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، سودا ئالاقىسىنى باشلىدى. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ياپون مىلىتارىزم تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەردى، قان بىلەن ئوتتا تاۋلانغان بۇ دوستلۇق مۇقەررەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. 50 نەچچە يىل ئىلگىرى، تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى ئۇزاقتىن بۇيان تاقىلىپ قالغان ئالاقە دەرۋازىسىنى ئاچتى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد سىياسىيونلىرى «كىچىك توپ چوڭ توپنى ئايلاندۇرىدىغان» سىياسىي ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، سايكاۋىس ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بىر كىشى جۇڭگولۇق قۇم تىزگىنلىگۈچى يىن يۈجېننىڭ كۆچەت تىكىشىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلغانىدى، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى نۇرغۇن جۇڭگو خەلق ئاممىسىنى تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇر پۇختىلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. زۇڭتۇڭ تىرامپ ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى نىشان ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇلۇغۋار بولۇپ، تامامەن بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا، يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ گۈزەل گۈللىرىنى ئورتاق سۇغىرىشى، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇ يىل 5 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، دوستانىلىقى مەندە چوڭقۇر ۋە گۈزەل تەسىرات قالدۇردى. بۈگۈن كەچ ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلار خۇشال - خۇرام بىر جايغا جەم بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدىن ھالقىغان، 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان دوستلۇقنى ئورتاق تەبرىكلىدى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتى بار، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاق مەزگىل دوستانە ئالاقىلىشىپ كەلدى. گەرچە بىر - بىرىمىزنىڭ تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادلارغا ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن.
زىياپەت كەيپىياتى دوستانە ۋە قىزغىن بولدى. زىياپەت ئارىلىقىدا، ئامېرىكىلىق سەنئەتكارلار ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتناشتى.