
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقسارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا يۆتكىلىپ، سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سۈرەتتە: ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاقسارايدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شېڭ جياپېڭ فوتوسى)

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئاقسارايدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئاقسارايدىكى ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىغا يۆتكىلىپ، سەمىمىي ۋە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، يەن لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئاقسارايدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتقا بىرلىكتە رول تۇتۇپ يول باشلاپ كەلدۇق. بۇ يىل 5 - ئايدا، مەن ۋە زۇڭتۇڭ تىرامپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدۇق. بۇ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىغا قەدەم تاشلىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم. بىز بۇ ئارزۇنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىش، رىقابەت لايىقىدا بولۇش، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولۇش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇش نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىق داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىپ، ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت داۋامىدا بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش داۋامىدا ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى جۇغلاش داۋامىدا تىنچلىق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك ھەم تامامەن شۇنداق قىلالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئۆمەكلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ ساھەسى، پۇقرالار ھەتتا دۇنياۋى ئىقتىساد ئۈچۈن خۇش خەۋەر. ھەمكارلىق قوش لىنىيەلىك يول، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ھەم ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياجلىق ھەم مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق. پەقەت باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىدا چىڭ تۇرغاندىلا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چىقىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ دۆلىتى، ئىككى تەرەپ رىقابەتلەشسە بولىدۇ، ھەمكارلاشسا تېخىمۇ بولىدۇ، بىر - بىرىدىن مۇداپىئەلەنمەي، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سۆھبىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە پايدا توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قالايمىقان ئىشلىتىش، يامان غەرەزدە ئىشلىتىشنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلىشىنى ساقلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئالغا بېسىش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەيدانى ناھايىتى ئېنىق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت توغرا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ زىيارەت. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو چوڭ دۆلەت، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى دوست، قويۇق، چوڭقۇر ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ رەھبەرلىكىمىزدە، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوقۇم ياخشىلىنىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ئۆمەكلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش ئۆتكۈزۈپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ، تېخىمۇ ياخشى كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىش ھالىتىنى ساقلاپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى 2026 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.