شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 26 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2026-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 26 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجەي جيەنلەنفوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 26 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىۋاڭ يېفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارجاۋ يۈ، جاڭ يەن) شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 26 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى قىرغىزىستاننىڭ زۇڭتۇڭى جاپاروف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىدىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمەكبايېف قاتارلىقلار قاتناشتى.

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىل ئىلگىرى، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ساۋىقى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رېئال تەھدىتى ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان قىزغىن ئارزۇسى ئالدىدا، ئىگىلىك ھوقۇق، خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شۇ سەۋەبتىن ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى ھەم قۇدرەتلىك جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى كۈنسېرى نامايان قىلدى. 25 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئەڭ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، قەدەممۇ قەدەم دۇنيادىكى يەر كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور يېڭىچە رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلاندى؛ ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى شۇكى، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭغا باشتىن ـ ئاخىر ئەمەل قىلدى؛ ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق تەجرىبىسى شۇكى، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 ـ تەرەپكە قاراتماسلىقتىن ئىبارەت توغرا بىللە تۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ماكان بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 25 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، سۆھبەتلىشىش ۋە قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە نۆل يىغىندا، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە يەككە تەرەپچىلىك كەسكىن ئېلىشىپ، ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرى تېخى يىراقلاپ كەتمىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي يۆنىلىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش ئىستىقبالىنى يارىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ـ سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل كەسىپ، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، سۈپىتىنىڭ ئېشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئالدىن تاللاش رايونى دەپ قاراپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك ئىقتىساد مۇنبىرى، يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرىدۇ، تيەنجىندە جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پورت ئىقتىسادى ھەمكارلىق مەركىزى قۇرىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە 100 پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويىدۇ.

ئىككىنچى، خەۋپسىزلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىپ، ئۇچۇر، جانلىقلار، تاشقى ئالەم بوشلۇقى خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، سىياسىي خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى، رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان مۇھىم سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «تۆت خەۋپسىزلىك مەركىزى»نى بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ.

ئۈچىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچى ئالاھىدىلىكىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، كارخانا، تاراتقۇ قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىپ، خەلق ئىچى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق ـ دوستلۇقى ئۈچۈن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بېغىشلاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق ـ دوستلۇق ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق خەلق ئىچى دوستلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاساس مائارىپ ھەمكارلىق مەركىزى قۇرىدۇ، ھەم داۋاملىق تۈردە كۇڭزى شۆيۈەنى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىق تۈرلەر ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، سۆھبەتلىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، تەرتىپلىك ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىشلىرىدا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك بولغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ ھەمراھلاردىن بولۇپ، رايون ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئورتاق قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، «شاڭخەي روھى» بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 25 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون خەۋپسىزلىكى، گۈللىنىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئۇل تاشنىڭ بىرىگە ئايلاندى، دەپ قارىدى. ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئېيتتى، 2025 ـ يىللىق تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، پەن ـ تېخنىكا، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىشلەپچىقىرىش ـ تەمىنلەش زەنجىرى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭىچە خەۋپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق، ئورتاق تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشكە قوشۇلدى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تەشكىلاتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 يىللىقى بىشكەك خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى تولۇقلاش كېلىشىمنامىسى، خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى نىزامى، زەھەر چەكلەش مەركىزى نىزامىنى تەستىقلىدى، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق 28 پارچە نەتىجە ھۆججىتىنى ماقۇللىدى.

يىغىندا پاكىستاننىڭ 2026 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى قارار قىلىندى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.