
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قاھىرەدىكى قۇياش سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، سېسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قاھىرەدىكى قۇياش سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سېسى ۋە رەپىقىسى يىتىسار بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قاھىرەدىكى قۇياش سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، ماۋ لېي) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قاھىرەدىكى قۇياش سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
قاھىرەدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئاسمان سۈپسۈزۈك ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قۇياش سارىيىغا يېتىپ بارغاندا، ئاتلىق ئەترەت ۋە مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ھەربىي ئوركېستىر قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. سېسى ۋە رەپىقىسى يىتىسار قىزغىن كۈتۈۋالدى.
سېسى شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى قۇياش سارىيى زالىغا كىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ئالدىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1956 - يىلى، مىسىر ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىنى يېتەكلەپ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئىنتىلىش، جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، يىمىرىلمەس چوڭقۇر دوستلۇقنى تاۋلاپ چىقتى. 70 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە «باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت روشەن ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈردى ھەم ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات - گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ئىشلىرىدا ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىستراتېگىيەسى ماس كېلىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللاپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى تەرەپ بىرىنچىدىن، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلامنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىكى، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە، توكلۇق ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، رەقەملىك ئىقتىساد، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە ئورتاق زەربە بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشى كېرەك. بەشىنچىدىن، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو - ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
سېسى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە مىسىردا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. مىسىر بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مىسىر تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سودا - سېلىنما، ياسىمىچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، پەن - تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكىنىڭ يېڭى رامكىسىنى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ. شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق تۆت تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، رايون ئورتاق خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، رايون ئىچى خەۋپسىزلىك رامكىسىنى قايتا بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، رايوننىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكى بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوتتۇرا شەرقتە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ، ئىچكى باغلىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسى يەنىلا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى، ھەرقانداق ۋاقىتتا سەل قارىماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن چەتلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۈچىنچى، رايون ئورتاق خەۋپسىزلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نېگىزىدىن ئېيتقاندا تەرەققىياتقا تايىنىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر مەنپەئىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇش، توقۇنۇش پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىشنى خالايدۇ. تۆتىنچى، رايون ئورتاق خەۋپسىزلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇن ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسىي قوللانما. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ رايون سىرتىدىكى چوڭ دۆلەتلەر قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رايون ئىشلىرىدا رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.
سېسى مۇنداق بىلدۈردى: مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. مىسىر تەرەپ رايون ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەت - توقۇنۇشلارنى سىياسىي يول ئارقىلىق تۈگىتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. مىسىر داۋاملىق جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى پەسەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايون خەۋپسىزلىكى رامكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە 20 پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.
شۇ كۈنى چۈشتە، سېسى بىلەن يىتىسار قۇياش سارىيىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.