
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋاشىنگتوندىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا قىزغىن كۈتۈۋالدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، سۇ لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋاشىنگتوندىكى ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا قىزغىن كۈتۈۋالدى. تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: ۋاشىنگتوندا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، بۇ بىر قېتىملىق پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن زىيارەت. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ رەھبەر، بۇ بىر ئۇلۇغ پەيت. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئامېرىكىلىق بالىلار شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، نەق مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ ئۆتۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكا خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا ئۇلۇغ دۆلەت، جۇڭگو خەلقى بىلەن ئامېرىكا خەلقى ھەممىسى ئوخشاشلا ئۇلۇغ خەلق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئۇزاق مەزگىل دوستانە ئالاقىلىشىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئىككى دۆلەت رەقىبلەردىن ئەمەس، بەلكى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ. زۇڭتۇڭ تىرامپ بۇ يىل 5 - ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدۇق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان، رىقابەت لايىقىدا بولغان، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان مۇقىم مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشىدىكى تارىخىي لوگىكا ئۆزگەرمىدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش ياخشى ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدى ئۆزگەرمىدى. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ چوقۇم مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
ئالدىن يېتىپ بارغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭمۇ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئۆزى چۈشىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.