
شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىشكەكتىكى ئىناقلىق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جاپاروف شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىشكەكتىكى ئىناقلىق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىشكەكتىكى ئىناقلىق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئورتاق ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش، قاتناش، تاموژنا، دوست شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، خۇ شياۋگۇاڭ) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بىشكەكتىكى ئىناقلىق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
بىشكەكنىڭ كۈزدىكى ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئىناقلىق سارىيىغا يېتىپ بارغاندا، جاپاروف ۋە رەپىقىسى جاپاروۋا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
جاپاروف شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ جاپاروف بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ مەركىزىگە كېلىپ، ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن قىرغىز تىلىدا ئەھۋال سورىدى، ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى: ئالغا! ئالغا! دەپ جاۋاب بەردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ جاپاروف بىلەن مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئىناقلىق سارىيى زالىغا كىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كۈچ قوشۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو تەرەپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. قىرغىزىستان تەرەپمۇ «2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات پىروگراممىسى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويماقتا. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاش جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو - قىرغىزىستان مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالاش ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى، ئۆزئارا قەتئىي قوللىشىنى مۇھىم قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا تۈرلىرىنى بېيىتىپ، رەقەملىك سودا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىشى كېرەك؛ جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدىن ئىبارەت رايون خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئۈمىدى يۈكلەنگەن بۇ «قاتناش چوڭ تومۇرى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇپ، پورتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، تۈزۈم، ئۆلچەم، قائىدە قاتارلىق «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ھاسىلىي ئېنېرگىيە، بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، يېشىل قېزىلما بايلىق ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلار، تاراتقۇ، ساياھەت، تەنتەربىيە، داۋالاش، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇقىنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلق رايى ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، زەھەر ئەتكەسچىلىكى ھەم دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە قول تۇتۇشۇپ زەربە بېرىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 35 يىللىق كۈنىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەت قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە، قىرغىزىستان - جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئاچىدۇ. قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو قوشنا دۆلەت، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىگە زىچ تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىرغىزىستان - جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئالتۇن مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەربىر ئاچقۇچلۇق پەيتتە خالىس قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن ھېسسىياتىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشى، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى. قىرغىزىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا - سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بۇنى يېڭى دەۋردىكى «پولات - تۆمۈر يىپەك يولى» ۋە قىرغىزىستان - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى قىلىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇقىم بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشىغا پايدىلىق. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
جاپاروف قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو شىزاڭ جىلۇڭنىڭ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ھەم ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ، ھەم نېپالنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ماكاننى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچى بار.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئورتاق ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش، قاتناش، تاموژنا، دوست شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە 20 پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.
شۇ كۈنى چۈشتە، جاپاروف بىلەن جاپاروۋا ئىناقلىق سارىيىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.