شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى بىلەن چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشتى

2026-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا بىلەن ئاقسارايدا چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا بىلەن ئاقسارايدا چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. چاي سۆھبىتىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن تىرامپ ۋە مېلانىيانىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، خۇاڭ چياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا بىلەن ئاقسارايدا چاي ئىچكەچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، «ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، مېنىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ ۋاشىنگتونغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشۇم. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بىز يەنە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتۇق، «ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قوشۇلدۇق، ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىمۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، بۇ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يورۇقلۇققا تۇتىشىدىغان يول كۆپ ھاللاردا ئەگرى - توقاي بولىدۇ، ھامان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار بولىدۇ، بۇمۇ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخقا مەسئۇل بولىدىغان جاسارەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.

تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بىر قېتىملىق مول ئىجابىي خاراكتېرلىك، ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت بولدى. ئىككى تەرەپ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن تىرامپ ۋە مېلانىيانىڭ ھەمراھلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپخانىسىغا باردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە ئارخىپخانىنىڭ مەركىزىي زالىغا كىرىپ، ئارخىپخانا ۋە ئاساسلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئارخىپقا ئەجدادلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، كەلگۈسىگە بولغان ئىلھام مۇجەسسەملەنگەن. 250 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا خەلقى ئامېرىكا ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا باي - قۇدرەتلىك دۆلەت ۋە گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىككى دۆلەت، گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئوخشاش. بىر - بىرىدىكى ئوخشىماسلىقنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ تىزگىنلىگەندىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشالايدۇ.