
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت كۈچ بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېڭى دېھلى، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن چېڭبىن، ياڭ يىجۈن) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد ۋە بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى قاتارلىقلار قاتناشتى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت كۈچ بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇ، ئۆزىگە تايانغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرغان 20 يىل بولدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان 20 يىل بولدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيانى مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن 20 يىل بولدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەزا كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق رامكىسى ئورنىتىپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۆرۈنەرلىك زورايماقتا، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەككە تەرەپچىلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسى تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئالماقتا، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا تەرتىپ زەربىگە ئۇچرىماقتا، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قەتئىي تۈردە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
بىرىنچىدىن، ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق مەنبە كودىنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىلىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىلىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككىنچىدىن، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەك. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دائىم بېرىش - كېلىش قىلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچىدىن، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، بارلىق شەكىلدىكى قورۇقچىلىق تەدبىرلىرىنى توسۇش كېرەك. تور، تاشقى ھاۋا بوشلۇقى، چوڭقۇر دېڭىز قاتارلىق يېڭى ساھەلەر ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق باشتىن - ئاخىر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش - سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈچىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نى باشلاپ، گۈللىنىش، ئىلگىرىلەشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ھەرقايسى تەرەپلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشى، يەككە تەرەپچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئالدىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبى ئۈچۈن سۆز قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق رولىنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى قوغداپ، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، ئەركىن سودىغا مەدەت بېرىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار. ھەرقايسى تەرەپلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، سىغدۇرۇشچان خەلقئارا تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈپ، بىخەتەر، گۈللەنگەن كۆپ قۇتۇپلىق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ كېلەر يىلى رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.
يىغىندا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى يېڭى دېھلى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.
يىغىن مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بىرلىكتە كۆچەت تىكتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.