2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم قىرغىزىستان، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى
شى جىنپىڭ بىشكەككە يېتىپ باردى

شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىشكەككە يېتىپ باردى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروفنىڭ تەكلىپى بىلەن، 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىشكەك ماناس خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ جاپاروف ۋە رەپىقىسى قىزغىن كۈتۈۋالدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، جياڭ يوۋلىن) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىشكەككە يېتىپ باردى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروفنىڭ تەكلىپى بىلەن، 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىشكەك ماناس خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، زۇڭتۇڭ جاپاروف ۋە رەپىقىسى قىزغىن كۈتۈۋالدى. جاپاروف پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. شۇ جايدىكى ياش قىزلار رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە ئەنئەنىۋى پېچىنە - پىرەنىك، ھەسەل تەقدىم قىلىپ، ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن بىلەن ئەڭ ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىدا ئورۇنلانغان نومۇرلار ۋە ئوۋ بۈركۈتى، ئوۋ ئىتى، ئەنئەنىۋى پالۋانلار چاسا ئەترىتى، ئاتلىق ئەترەت، كىگىز ئۆي قاتارلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى. شۇ جايدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر جۇڭگو ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى.
شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، زۇڭتۇڭ جاپاروف ۋە قىرغىزىستان خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزاق يىلنى ھالقىغان دوستانە ئالاقە تارىخىغا گۇۋاھ بولدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 34 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلغان «ئالتۇن مەزگىل»نى كۈتۈۋالدى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ خادىملار ئالاقىسىدە يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، ئەمەلىي بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە كەڭ نەپ يەتكۈزدى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزىمىز. مەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ جياڭپىڭمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بىشكەككە يۈرۈپ كەتتى.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.