ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2026-10-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى رەتلىمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ شان - شەرىپىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچى مۇجەسسەملەندى. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.

ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەيدان مەركىزىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ناملىق غايەت زور گۈل سېۋىتى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۇخارگۈلى قاتارلىق گۈللەردىن ھاسىل قىلىنغان 18 گۈلچەمبىرەككە بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

سائەت 10غا يېقىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىلىرى «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى بۇرغىسى»نى چالدى، مۇڭلۇق ۋە ۋەزىنلىك كاناي ئاۋازى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.

«ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.

سائەت دەل 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈر - بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» ناملىق ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.

چاسا سەپنىڭ ئالدىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز چوڭ گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى، گۈل سېۋىتىدىكى قىزىل لېنتىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، زەن قويۇپ قارىدى. ئوتقاشتەك خۇڭجاڭ گۈلى، پورەكلەپ ئېچىلغان بەيخې گۈلى، چىرايلىق ۋېنشىنلەن گۈلىگە خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى.

شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلماقتا.

ئۆسمۈر - بالىلار ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرىمۇ تەرتىپ بويىچە خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ گۈل تەقدىم قىلدى ھەم خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن مۇئاۋىن رەئىسلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.