شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
■ تارىخنى ئەسلەش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر. 90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە شانلىق مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەلىبە يولى مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە تايىنىپ ئېچىلغان، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنىڭ تىكلىنىشى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىگە تايىنىپ ئېچىلغان، ئىنقىلابىي غايە، ئىنقىلابىي ئېتىقاد جاھىل دۈشمەننى يېڭىدىغان، تاغنى تالقان قىلىدىغان چەكسىز كۈچنى ئۇرغۇتالايدۇ، يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە قوشۇن يېڭىلمەس قوشۇن. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە تايىنىپ ئېچىلغان، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئېچىلغان، خەلق ئاممىسى مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، بىز خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىساقلا، پارتىيە ئىشلىرىدا ھەممىدە غەلىبە قىلالايمىز.
■ يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە زىچ تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك. جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جەزمەن خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقناپ تۇرغان پارتىيە گېربى، پارتىيە گېربىنىڭ ئاستى تەرىپىگە «2026 − 1936» دېگەن رەقەم بەلگىسى ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جاۋ لېجى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارغا، ئۇزۇن سەپەردە قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان ۋە ھەرقايسى جايلاردا ئىنقىلابىي كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىگە، ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىگە ياردەم بەرگەن ھەر مىللەت خەلققە، بولۇپمۇ ھەرقايسى ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردىكى خەلققە، بارلىق ھايات تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزۇن سەپەر يولىدا ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش تەكلىپى بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1934 - يىلى 10 - ئايدىن 1936 - يىلى 10 - ئايغىچە، پارتىيەمىز قىزىل ئارمىيەنىڭ 1 -، 2 -، 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى ۋە 25 - جۈنىگە رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈردى. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ئون نەچچە ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، مىليوندىن ئارتۇق دۈشمەن ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ قورشاپ توسۇشىنى تارمار قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنى يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى. جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ئىش پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىز تارىخىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان بۇ قەھرىمانلىق داستانى جۇڭگو ئىنقىلابى ئابىدىسىگە مەڭگۈ ئويۇلدى، يۈز مىليونلىغان خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنى ئەسلەش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر. 90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە شانلىق مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەلىبە قىلىش يولى مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە تايىنىپ ئېچىلغان، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنىڭ تىكلىنىشى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىگە تايىنىپ ئېچىلغان، ئىنقىلابىي غايە، ئىنقىلابىي ئېتىقاد جاھىل دۈشمەننى يېڭىدىغان، تاغنى تالقان قىلىدىغان چەكسىز كۈچنى ئۇرغۇتالايدۇ، يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە قوشۇن يېڭىلمەس قوشۇن. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا ئېچىلغان، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە يولى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئېچىلغان، خەلق ئاممىسى مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، بىز خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىساقلا، پارتىيە ئىشلىرىدا ھەممىدە غەلىبە قىلالايمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە قالتىس جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. روھ كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ساداقەت كۈچى، ھەقىقەت كۈچى، ھەققانىيەت كۈچى، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، ئۇ، مەڭگۈ بىزنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىق ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزۇن سەپەرنىڭ تارىخى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى، ئۇزۇن سەپەر يولى ئۈزلۈكسىز ئۇزارماقتا. ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغان 90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە ئارقا - ئارقىدىن ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرلەرنى قىلىپ، كەينى - كەينىدىن ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى، بىز يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە زىچ تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك. جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. جەزمەن خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيەمىزنىڭ قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزۇن سەپەر قىلغانلىق ئۇلۇغ مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى خۇلاسىلەندى، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىگە مۇجەسسەملەنگەن پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى غەلىبە قىلىش يولى كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ تارىخىي قىممىتى بايان قىلىندى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش توغرىسىدا «بەش جەزمەن» ئېنىق تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۆز ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.
يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.