شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاق مەزگىل ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. پەقەت بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەدەممۇقەدەم پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسەك، مۇۋەپپەقىيەت چوقۇم ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە مەنسۇپ بولىدۇ.
لى چياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. تەخمىنەن 800 نەپەر جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زات خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغانىدى، «2026 - 1949» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى ئوتقاشتەك قىزىل بايراقلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
سائەت 17دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شادىيانە «قارشى ئېلىش مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» زالدا ياڭرىدى.
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 77 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. مۇشۇ پەيتتە، بىز يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چەكسىز پەخىرلىنىۋاتىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا قارىتا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى، ئۇزاق مەزگىللىك ئاۋاتلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىنى قوللىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، تىنچ - ئامان، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ھەمدە ئىلگىرى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان يولداشلار بار.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مىللەتلەر رايونىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل زاتلار، بېيجىڭدىكى قىسمەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زاتلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زاتلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، قىسمەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلارمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.