
10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بوتسۋانا زۇڭتۇڭى بوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بوكو ۋە رەپىقىسى كائون ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ساۋ جيايۆ) 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بوتسۋانا زۇڭتۇڭى بوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى، بوتسۋانا تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ئىلگىرىلا بېلەت تاشلاپ يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى قوللىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى تەرەپ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - بوتسۋانا دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە. جۇڭگو بىلەن بوتسۋانانىڭ دوستلۇقى ئالماستەك جۇلالىق ۋە مەڭگۈلۈك بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە تايانغان، بىر - بىرىگە يۆلەك بولغان «بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - بوتسۋانا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «داغدام يول»دا ياخشى مېڭىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەقسەت بىردەك» بولغاندىلا «نىشان بىردەك» بولىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا بوتسۋانا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. ئىككى دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بوتسۋانا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رامكىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بوتسۋانا تەرەپ بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ئاقىل مائارىپ» تۈرىنى يولغا قويۇپ، بوتسۋانا تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو - بوتسۋانا، جۇڭگو - ئافرىقا كانچىلىق ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئافرىقىنىڭ بايلىقى ئافرىقىغا تەۋە بولۇش ھەمكارلىق ئالدىنقى شەرتىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ئۆز تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كانچىلىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككىنچى، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى تىجارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېشىل تېخنىكىنى يۆتكەپ، كانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش ھەمكارلىق يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئافرىقا كانچىلىق ھەمكارلىقىنىڭ كەسىپ قوشۇلما قىممىتىگە قاراپ تىپ ئۆزگىرىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، پايدىلىنالايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە كۈچ قوشىدۇ. تۆتىنچى، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق مۇھىتىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئافرىقىنىڭ بايلىقى جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈرەش قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.
بوكو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگوچە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدى، بۇ، بوتسۋانا تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. بوتسۋانا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىگە قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بوتسۋانا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بوتسۋانانىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بوتسۋاناغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، كانچىلىق، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا پايدىلىق. بوتسۋانا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا - جۇڭگو ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان قىلىش، تېخىمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېشىل قېزىلما بايلىق، سەھىيە - ساغلاملىق، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بوكو ۋە رەپىقىسى كائون ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بوكو يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن بوتسۋانا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. بوكو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا بوكو ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.