يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك

2026-10-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ چاخار ئوڭ قانات ئالدى خوشۇنىدىكى خۇاڭچىخەي كۆلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ چاخار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ھېسابلاش كۈچى مەركىزىدىكى ئالاقىدار تۈر مەسئۇللىرى، تېخنىك خادىملار، چاخار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىچكى موڭغۇل ئۇلانچاپ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇلانچاپ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدە بويىچە قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيجۇڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى باۋ گاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۇلانچاپ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئۇلانچاپ شەھىرى چاخار ئوڭ قانات ئالدى خوشۇنىغا جايلاشقان خۇاڭچىخەي كۆلى ئىچكى قۇرۇقلۇق يېپىق كۆلى بولۇپ، كىلىمات قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە بىر مەھەل قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. كۆپ يىل ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى ۋە كېڭەيدى. شى جىنپىڭ خۇاڭچىخەي كۆلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا كېلىپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە شۇ جاينىڭ خۇاڭچىخەي كۆلىنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم كۆل قىرغىقى ساھىلىنىڭ ئېكولوگىيەسى، قۇش تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇلۇق يەرنى قوغداشتا مۇھىمى ئەسلىي ئېكولوگىيەسىنى ساقلاشتا. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش كېرەك. چېكىنگەن سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا قارىتا، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشىنى ئاساس، سۈنئىي ئارىلىشىشنى قوشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئۇلانچاپنىڭ شامال، يورۇقلۇق بايلىقى مول، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېشىل توك، كىلىمات، رايون ئورنى قاتارلىق سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ چاخار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بېرىپ، كۆرگەزمە زالىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تۈگۈن نۇقتىسى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، مەملىكەت بويىچە بىرگەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورىنى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئىلمىي پىلانلاش، ئامىللار تىرىكى، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتكەن تۈرلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەم كېيىنكى تۈر قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھېسابلاش كۈچى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ ئالاقىدار تۈر مەسئۇللىرى، تېخنىك خادىملىرى، چاخار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى خىزمەتچى خادىملار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھېسابلاش كۈچى تورى دۆلەت پىلانلاپ قۇرغان «ئالتە تور»نىڭ بىرى، ھېسابلاش كۈچى كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستىقبالى پارلاق. كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، بىخەتەر بولۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش»، «ھېسابلاش كۈچى بىلەن سۇ بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، ھېسابلاش كۈچى مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى يۈرۈشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئامىل كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانا ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭ يەنە شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسلىق سورت ۋە سۈپەت ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شۇ جاينى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى جەھەتتىكى پەرقى روشەن. يېڭى مۇساپىدە، ھەرقايسى جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى ئۆز شارائىتىغا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.