
11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گابون زۇڭتۇڭى ئېنگۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گابون زۇڭتۇڭى ئېنگۇما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگو ـ گابون تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئورناتقان، كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن. ئىككى دۆلەت باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا قوللاش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، گابونمۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو ـ گابون مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ گابون تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى بولۇپ، گابوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللاپ، گابون تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ گابون تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا قوللاش جۇڭگو ـ گابون مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. جۇڭگو تەرەپ گابوننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلاندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگو تەرەپ گابون بىلەن ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ، گابون تەرەپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى روشەن، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» ۋە ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش «يېشىل يولى» يېڭى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گابون تەرەپنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادتا ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ئالدى بىلەن يەرشارىنىڭ جەنۇبى ھەمدە ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ گابوننىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، گابون تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.
ئېنگۇما مۇنداق بىلدۈردى: گابون بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش باشتىن ـ ئاخىر ئىككى تەرەپ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، داۋالاش، مائارىپ، كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە گابون ئىقتىسادىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، گابوننىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. گابون تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. گابون تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گابون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ گابونغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، گابوننىڭ سانائەتلىشىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» سىياسىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئافرىقا مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو چوڭ بازىرىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. گابون تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ئادىل، ھەققانىي مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئافرىقا ـ جۇڭگو ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تاموژنا بېجى ئالماسلىق»، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرى، جۇڭگو تىل ـ يېزىقى مائارىپى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گابون جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگو ـ گابون تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئېنگۇما ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئېنگۇما يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن گابون ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئېنگۇما شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئېنگۇما ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.