شى جىنپىڭ ئومان سۇلتانى ھەيسام بىلەن سۆھبەتلەشتى

2026-11-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئومان سۇلتانى ھەيسام بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، سۈن نەن) 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئومان سۇلتانى ھەيسام بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئومان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇغلانمىسى چوڭقۇر، ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورناتتى، بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولدى، قائىدە - يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، ھەققانىيەت يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىدى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن جۇڭگو - ئومان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ، دەۋر ئېقىمى ۋە تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلاشقان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئومان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو - ئومان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 48 يىلدىن بۇيان، ئوماننىڭ دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم بىر بەتكە ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو بىلەن ئومان سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئومان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي رېڭىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، ئومان تەرەپ بىلەن داۋاملىق قەتئىي تۈردە بىر - بىرىنى قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئوماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ زور پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم، ئىشەنچلىك بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھى، مول يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ھەمراھى، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان يۇقىرى تېخنىكا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ، سېلىنما، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پەن - تېخنىكا ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش رىشتىنى چىڭىتىپ، مائارىپ، ساياھەت، سەھىيە، ئاخبارات، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئومان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنياۋى مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى ۋە دىيۈەنلىك توقۇنۇشىدىكى كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىشى ۋە قوغدىشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشتىن - ئاخىر پائال كۈچ چىقىرىدۇ، رايون خەۋپسىزلىكىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە لايىھە تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز تالاش - تارتىشلارنى سىياسىي - دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قوشنىلار ئىناق ئۆتىدىغان، تەرەققىي قىلغان، بىخەتەر، ھەمكارلىشىدىغان ئورتاق ماكان بەرپا قىلىشىنى قوللايمىز. جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

ھەيسام مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ، دوستانە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئومان بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوست، ئىزچىل ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ كەلدى. ئومان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتىنى قېزىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كۆپ يىللاردىن بۇيان ئوماننىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئومانغا مەبلەغ سېلىشى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، كۆپ خىل بولدى. ئومان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، سانائەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا كەم بولسا بولمايدىغان رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئومان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيدانىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا قانۇننى قەتئىي قوغداپ، ئىختىلاپلارنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئومان سۇلتانلىقىنىڭ جۇڭگو - ئومان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ھەيسام ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ھەيسام يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئومان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ھەيسام شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ھەيسام ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.