
11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ۋاڭ پەن) 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدا، بېيجىڭدىن ۋاشىنگتونغىچە، مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»دىن ئىبارەت يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتتۇق ھەم ئۇنىڭغا «ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇشنى ئاساس قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇننى قوشۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتۇق. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۈكسىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق رول تۇتۇپ يول باشلاپ، بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا لىنىيەنى بويلاپ يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىش بولۇپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل سىناق قىلىش، ئەستايىدىل بولۇشقا، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇشقا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىم، ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشتە. ئىككى تەرەپ كوللېكتىپلىرىنىڭ ئالاقىسىمۇ يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىختىلاپلارنى ئىجابىي باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسىدە، ئامېرىكا تەرەپ توغرا ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ زەھەر چەكلەش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش، تېلېگراف - تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ھۆرمەتلەش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتسە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئىنسانلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تىرامپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم، دوستلۇقىمىز كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، فېنتانىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىككى تەرەپ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئادىل ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئامېرىكا ناھايىتى قۇدرەتلىك، جۇڭگومۇ ناھايىتى قۇدرەتلىك، ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ئاكتىپ، ئىجابىي بولدى، دەپ قارىدى، ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆرمەتلەش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.