
10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ستەيىنمەيئېر ۋە رەپىقىسى بىدېن بېندېر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، ۋۇ يۆ) 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستەيىنمەيئېر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوست، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان تەرىپى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان بولۇپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم بولغان ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بېكىنمىچىلىك قىلماستىن ئېچىۋېتىش، قارشىلاشماستىن ھەمكارلىشىش ئاكتىپ سىگنالىنى تارقىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسەتنىڭ قىممەتلىك يېرى ئىزچىللىقنى ساقلاشتا. جۇڭگو تەرەپنىڭ گېرمانىيەگە قاراتقان سىياسىتى ئىزچىل، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى باشتىن - ئاخىر قوللايدۇ، گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئوچۇق، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشىنى، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاقىلانە، ئەمەلىي، دوستانە سىياسەتتە چىڭ تۇرۇشىنى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ يەنە جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە. گېرمانىيە ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ماس كېلىدۇ، ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇۋاتىدۇ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گېرمانىيەگە بارغان جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى زورايتىشىنى، كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كەلگۈسى رىقابەت كۈچىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوخشاشلا ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك، چىدامچان بولۇشتەك ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە، ئوخشاشلا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دوستانە ئۆتۈشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قوللاپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېلەر يىلى جۇڭگو - گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى باشتىن - ئاخىر ھەمراھى دەپ قارايدۇ، سەمىمىيەت ۋە ياخشى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقى رىقابەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئورتاق تونۇشى ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو − ياۋروپا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشنىڭ يولى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش، ماس تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش. جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى، ھەمكارلىق جەريانىدا كۆرۈلگەن بەزى مەسىلىلەر تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەر، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى زىددىيەتلەردىنلا ئىبارەت. ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرغان، باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەر ھامان ھەل بولىدۇ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ ستەيىنمەيئېرغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش مۇقەررەر خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيەلىرى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ستەيىنمەيئېر مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 25 يىلدا مەن جۇڭگوغا سەككىز قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ھەر قېتىم جۇڭگو يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو سىياسىي تەسىر كۈچى ۋە ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە دۇنيادا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى، گېرمانىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە تولۇق ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى زىچ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. گېرمانىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغان، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، پەن - تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ئىختىلاپىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا ئۈلگە بولالايدۇ. خەلقئارا تەرتىپ بېسىمغا ئۇچرىماقتا، دۇنيا جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئەركىن سودىنى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوللاپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش، سودا ئۇرۇشى قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا ستەيىنمەيئېر ۋە رەپىقىسى بۈدېن بېندېر ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ستەيىنمەيئېر يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ستەيىنمەيئېر شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ستەيىنمەيئېر ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.