شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2026-11-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، فېڭ شىنرەن) 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم جەم بولۇشى ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، چوڭ دۆلەتلەر ئىناق ئۆتسە دۇنيا تىنچ بولىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر قارشىلاشسا دۇنيا قالايمىقانلىشىدۇ. تىنچلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى. بىزنىڭ بۇ پىلانېتادا ئىلگىرى 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش پارتلىغانىدى، ھازىر دۇنيادا يەنىلا 60 نەچچە مەيدان رايون توقۇنۇشى توختىماي داۋاملاشماقتا. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قولغا كەلتۈردى. تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. بىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشايدۇ، بىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. بۇ يەرشارى كەنتىدە، چوڭ دۆلەتلەر ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى تاللاش سوئالى ئەمەس، بەلكى جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، تىنچ بىللە ئۆتىدىغان، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەم بىر - بىرىگە نەپ يەتكۈزدى، ھەم دۇنياغا بەخت ياراتتى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جاھان ئانچە تىنچ ئەمەس. جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ دۆلەتلەر قانداق قىلىپ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش، ئورتاق ھالدا دۇنيا تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك دەۋر تېمىسى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق تۆت تۈرلۈك كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇش. ئۆزئارا ھۆرمەتلەش چوڭ دۆلەتلەر ئالاقىسىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى. جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك، بۇ، بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەرقايسىسىنىڭ تاللىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قارشى تەرەپكە ئالاقىدار زور سەزگۈر مەسىلىلەردە، ئالدىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ تۆۋەن چېكىگە تەگمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى، تىنچ بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش. «تۇسىدېد توزىقى» ھەرگىزمۇ تەقدىر ئەمەس، ئاچقۇچلۇقى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قانداق تاللىشىغا قاراش كېرەك. جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا ھەمراھلاردىن بولۇشى، دوستلاردىن بولۇشى، توقۇنۇشماسلىقى، قارشىلاشماسلىقى، تىنچ بىللە ئۆتۈش تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك. جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان ئاساسلىق دۆلەتلەر، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدىشى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى قوغدىشى، تەستە قولغان كەلگەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىسىنى قوغدىشى كېرەك. يادرو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا يادرو ئۇرۇشى قىلىشقا بولمايدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا ئۈچ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئوخشىمايدۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق تورتىنى ئورتاق زورايتىپ، تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە بولمايدۇ. دۇنياۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئۈچ دۆلەت ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىسا بولىدۇ.

تۆتىنچى، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇش. چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەگەر پىكىر ئالماشتۇرمىغاندا گۇمان كۈچىيىپ، كىچىك سۈركىلىش چوڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۈچ دۆلەت دائىملىق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر سۆھبەتلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كىرىزىس توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خاتا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاز يۈز بېرىشى، ئىختىلاپنى باشقۇرغىلى بولىدىغان بولۇشى، سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا ياراشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت توقۇنۇشۇۋاتقان ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىپ، سىياسىي - دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق رۇسىيە - جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رۇسىيە - جۇڭگو - ئامېرىكا ھەممىسى چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىسى بىزنى بىر - بىرىمىزگە باغلىدى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى قوغداش، خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئۈچ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى تەڭپۇڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ۋە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىپ، تىنچ بىللە ئۆتۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئەركىن، ئوچۇق خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا - جۇڭگو - رۇسىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، تارىخ ياراتتى. ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئالاھىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ئۈچ تەرەپ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ ئىنسانلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش، تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە توغرا كېلىدۇ، ھەرقانداق مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە يەر شارىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، كەلگۈسىنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، يادرو قوراللىرى كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئاكتىپ، ئىجابىي، شۇنداقلا مول نەتىجىلىك بولدى، ئۈچ دۆلەتنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى كۆزقارىشى بىردەك. ئۈچ دۆلەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان تارىخنى ئېسىدە تۇتىدۇ، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەستە قولغا كەلگەن تىنچلىقنى قەدىرلەپ، چوڭ دۆلەتلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتىكى توغرا تاللاش، سۆھبەت توختاپ قالمىسا، دەرۋازا تاقالمىسىلا، تىنچلىقتىن ئۈمىد بار؛ ھەمكارلىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا تېرىلغان ئۇرۇقلار جەزمەن يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. ئۈچ دۆلەت ئۇچرىشىشتا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سۆھبەت ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۈچ دۆلەت «جۇڭگو - رۇسىيە - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى تىنچلىق خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتناشتى.