7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

2022-08-19 :ۋاقىت
مەنبە: ئانار بۇلۇت

ھۆرمەتلىك ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر ۋە سودىگەرلەر:

نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە كۆرگەزمە، يىغىن ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەسلىدە 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلۈشى بېكىتىلگەن 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ 2022- يىلى 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق، ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇن ئۆزگەرمەيدۇ.

كۆرگەزمە، يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن كەلتۈرگەن قولايسىزلىقىمىز ئۈچۈن چوڭقۇر كەچۈرۈم سورايمىز. ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر، سودىگەرلەرنىڭ ئىزچىل زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

                                                       7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى

                                                                              2022- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى