گوۋۇيۈەننىڭ 9 - قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش بويىچە مەسىلە يىپ ئۇچى توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2022-08-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


گوۋۇيۈەن «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى كىچىك پىروگرامما كودى

ھەرقايسى جايلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن سىياسەت، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا 9 - قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قارىتا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئېلىپ بېرىشى، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىشى، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىشى، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ۋاقتى، زېھنىنى يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بۈگۈندىن باشلاپ جەمئىيەتتىن تۆۋەندىكىدەك بەش جەھەتتىكى مەسىلە يىپ ئۇچىنى توپلايدۇ:

بىرىنچى، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە. ئاساسلىقى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش سىياسەت - تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور ئۇل قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇش، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا ھەمدە يەردىن پايدىلىنىش، دېڭىزدىن پايدىلىنىش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش مۇھىم ئامىل كاپالىتى جايىدا بولماسلىق، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈردىكى زايوم مەبلىغىنى ئىشلىتىشى جايىدا بولماسلىق، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە قەرەلىدە ئىش باشلىماسلىق ياكى ئىش باشلىغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولۇش، ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ.

ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە. ئاساسلىقى زور كۆلەملىك قوشۇلما قىممەت بېجىدىن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ قايتۇرىدىغان باجنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ساھەلەردە كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جايىدا بولماسلىق، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە مۇۋاپىق بولغان داۋاملىق قەرز بېرىش، قەرەلىنى ئۇزارتىش، قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش ئىشلىرىنى تەلەپ بويىچە قىلماسلىق، يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەرىكەت شەكلىدە قانۇن ئىجرا قىلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى قانات يايدۇرۇش، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى مەمۇرىي ئورگانلارغا تايىنىپ ياكى مەمۇرىي تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ھەق ئېلىش، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار مەمۇرىي بايلىقتىن پايدىلىنىپ مونوپول تىجارەت قىلىش، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىش، مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ئېلىش، ئالاقىدار ئورۇنلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش، مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە. ئاساسلىقى ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولماسلىق، ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى، بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىغا بولغان تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچىمەسلىك، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە كىرگۈزۈش ۋاقتىدا بولماسلىق، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش جايىدا بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى، يېزا - كەنت دوختۇرلىرىنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ.

تۆتىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە. ئاساسلىقى ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشتا كۆز بويامچىلىق قىلىشى، خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشى، ئەشيا ئوبوروتى كاپالىتى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىننى جىپسىلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى جايىدا بولماسلىق، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ زاكازنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىش، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تىجارەتنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاش سىياسەت - تەدبىرلىرى جايىدا بولماسلىق، تومۇز يازدىكى ئېلېكتىر كۈچى تەمىناتى يۇقىرى پەللىسى كاپالىتى جايىدا بولماسلىق، كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان خام ماتېرىيال، ئاچقۇچلۇق زاپچاس بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى يېتەرلىك بولماسلىق، پورت ھەم يۈك مەيدانىدىكى ماللارنىڭ دۆۋىلىنىپ كېتىشى، ئوبوروت قىيىن بولۇشقا قارىتا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، تەكشۈرۈش ئېغىزلىرىنى قائىدىگە خىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، مال تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ.

بەشىنچى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە. ئاساسلىقى ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلار ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، تۈرگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى ساھەسىدە يەرلىك قوغداش سىياسىتىنى ئېلان قىلىش، ئادىل رىقابەتنى چەكلەش ۋە يوقىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرمەسلىك، ئاممىدىن ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆپ تەرەپلىك تەكرار تەمىنلەشنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلىش، ھۆكۈمەت ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرمەسلىك، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق»، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابتىكى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولماسلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى «توققۇزغا يول قويماسلىق» تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش ۋە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى جايىدا بولماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش جايىدا بولماسلىق، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى چەكلەش، تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە كۈچىمەسلىك قاتارلىق جەھەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى توپلىنىدۇ.

بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق ئاممىسى ئەگەر يۇقىرىقى جەھەتلەردىكى مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئىگىلىسە، گوۋۇيۈەن «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى ئارقىلىق ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەسىلە يىپ ئۇچىنى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ۋاقتىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

يىپ ئۇچى توپلاش ۋاقتى: 2022 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە.

گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلارغا ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىڭلارغا رەھمەت!

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى

2022 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى