ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2022-09-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

16 مۇسابىقە تۈرى، 10 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرنىڭ 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، 1985 ـ يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، توققۇز نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، تەرەققىي قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە سۇپىغا ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 16 مۇسابىقە تۈرى، 10 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان، ھەم ئەنئەنىۋى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان تۈرلەر بار، ھەم خېچيۇ، توققۇز قۇمالاق ئويۇنى قاتارلىق قوشۇمچە تاماشا قىلىش ۋە ماھارەت كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى تۈرلەر يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان. بۇ نۆۋەتلىك مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، تەرەققىي قىلغان، ئىناق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر نۆۋەتلىك كاتتا مەرىكىگە ئايلانغۇسى.