شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركەزنىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلىلەر بويىچە مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2023-06-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

2022 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىگىچە، مەركەز ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاپتونوم رايون دېيىلدى) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بىڭتۇەن دېيىلدى)دە مەركەزنىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم 6 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەنگە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى (بىردەك ئاپتونوم رايونغا مۇناسىۋەتلىك)دىن ئۈچنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەسئۇلىيەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتقا ئاساسەن، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، 12 پارتىيە تەشكىلاتى، 69 مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىردىن 12 كىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 47 كىشى، يېزا ـ بۆلۈم دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىكتىن 10 كىشى بار؛ 31 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى، 18 كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، باشقا شەكىللەر ئارقىلىق 20 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

1. ماناس دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، قىسمەن ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ چېكىنىش مەسىلىسى

تەكشۈرۈشتە مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئېقىم مىقدارى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان، كەلكۈن قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەنلىكتىن، خۇڭشەنزۇي سۇچىلىق تۈگۈنىدىن جياخېزى سۇ ئامبىرىغىچە بولغان 30 كىلومېتىرغا يېقىن دەريا بۆلىكىدە كەلكۈن پەسلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا يىل بويى ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىققان؛ ۋادىنىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى يەر ئۈستى سۈيىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك سۇ ئېلىش ئېغىزى، دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىن بىر كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەر ئاستى سۈيى ماشىنىلاشقان قۇدۇقلىرىنىڭ سۇ ئېلىش ئىجازىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتى ئارقىدا قالغان، ئىشلىتىلىۋاتقان 633 يەر ئاستى سۈيى ماشىنىلاشقان قۇدۇقىنىڭ 573ى سۇ ئېلىش ئىجازىتىگە ئېرىشمىگەن، ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ماناس دەرياسىدا 21 يەر ئاستى سۈيى ماشىنىلاشقان قۇدۇقى قېزىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماناس ناھىيەسى ۋە شىخەنزە شەھىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن ھەم سۇ ھەققى ئالغان؛ 8 ـ شى شىخەنزە شەھەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماناس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى دەريا يولىغا توسما ياساپ، سۇلۇق يەرنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ماناس دەرياسىنىڭ تەبىئىي دەريا يولىدا ئۇزاق مۇددەت ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىش، قۇرۇپ كېتىش، قىسمەن مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى چېكىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىدلەندى. ئەينى چاغدىكى ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جياڭ يوۋچېڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتىن چوڭ گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىلدى. ئەينى چاغدىكى ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ خۇيپىڭ (2016 ـ يىلى 3 ـ ئايدىن 2021 ـ يىلى 1 ـ ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن)، ئەينى چاغدىكى ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن پىڭ (2021 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن)لەرگە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ئەينى چاغدىكى ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شيې فۇمىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يېزا ـ بۆلۈم دەرىجىلىك تۆت كادىرغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلدى ياكى تەنقىد ـ تەربىيە بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

2. «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك بولماسلىق، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى كۆپ يۈز بېرىش مەسىلىسى

تەكشۈرۈشتە مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغان، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا يېرىم ـ يارتا ئىش كۆرگەن، ئۆزگەرتىۋەتكەن، %10 تۆۋەنلىتىش نىشانى ئورۇندالمىغان؛ فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سانائەت خۇمدانلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلىمىگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان، «جەرىمانىنى باشقۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن»، بۇنىڭ بىلەن، قىسمەن كوكس كارخانىلىرىنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قوشنا مەمۇرىي رايونلارنىڭ پىكرىنى ئالماي، كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى سەرپىياتلىق تۈرلەر ئۈچۈن تۈر تىزىملاپ ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن؛ سانجى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى بىرلىكتەⅡدەرىجىلىك ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا قارىتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويغان، مىدۇڭ رايونى ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەش رامكا كېلىشىمى بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ماس قەدەمدە يولغا قويمىغان؛ سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىزىملىكىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلىمىگەچكە، تەۋەلىكىدىكى ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغان 71 كارخانىنىڭ 2021 ـ يىللىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، مىدۇڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىدلەندى. ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گاۋ فېڭ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ياۋ جيەنجۈن، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جاۋجياڭ، ئەينى چاغدىكى فۇكاڭ كەسىپلەر باغچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۇڭلارغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېڭ شىنجيەن، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ خۇڭجۈن، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فېڭ جو، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گې گۇاڭفېڭ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى رۇي لىخۇڭ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش ئىنژېنېر ۋېي جۇڭخۇا، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يوۋ جيەنۋېن، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى فۇكاڭ شەھەرلىك شۆبە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ يۈەنچۇنلەرگە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بېي، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ زېجياڭ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى نىڭ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى پېڭ چيەنكۇن، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىخۇڭ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خې ۋېن، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى فەن شىن، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى گۇ تاۋ، ئەينى چاغدىكى فۇكاڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شياۋ يەن، ئەينى چاغدىكى ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ لىلارغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر چيۇ سىجيې، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر فۇ چياڭ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر جاڭ يۈ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ما يەنبىنلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋۇ جۈن، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈي يۈمياۋ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى (رايون باشلىقى) جاڭ جۈنشياڭ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى ليۇ خەيجياڭ، ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر گو خۇڭياۋ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى سۈن جىجوۋ، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋاڭ يەن، ئەينى چاغدىكى سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاۋ مىڭ، ئەينى چاغدىكى سانجى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى بولار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا سۆھبەتلىشىپ سەمىگە سېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

3. شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش كۈچلۈك بولماسلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش قاتتىق بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىسى

تەكشۈرۈشتە مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشى جايىدا بولمىغان، كۈندىلىك نازارەت قىلىشى، باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغان. ئارا تۆرۈك ناھىيەسى شىنجاڭ شۈەندۇڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تەستىقىغا ئېرىشمىگەن ئەھۋالدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 10 مىليون توننىلىق كۆك كۆمۈر تۈرىدە ئىش باشلىغان، بۇ، «تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئاۋۋال قۇرۇلۇش قىلىش»قا كىرىدۇ؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، شىنجاڭ چۇاڭلى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 3500 توننا قوغۇشۇن ـ خىروم سېرىقى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ چەكلەش تۈرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا «كۆچۈرۈش، كېڭەيتىپ قۇرۇش» تۈرى بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تەستىقىغا ئىمزا قويۇپ بەرگەن؛ كۈيتۈن − مايتاغ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۈيتۈن ـ مايتاغ تەرەققىيات رايونى» دېيىلدى)نىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىشى، باشقۇرۇشى كەمچىل بولۇپ، شىنجاڭ تيەنجېڭ جۇڭگۇاڭ نېفىت خىمىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ شاللىۋېتىش تۈرىگە تەۋە 1 مىليون توننىلىق نورمال ۋە تۆۋەن بېسىملىق نېفىت چەككىلەش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇشىغا ھەم «سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش نامى بىلەن رەسمىي ئىشلەپچىقىرىش»اغى سۈكۈت قىلىپ يول قويغان؛ خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغان، شىنشىڭ تۇرۇبا قۇيۇش شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ، دومنا پېچ قۇيۇش نامىدا ئادەتتىكى پولات تاۋلاشقا ئىشلىتىلىدىغان 588 كۇب مېتىرلىق بىر چويۇن دومنا پېچ ياسىغانلىق مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بايقىمىغان، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى، كۈيتۈن ـ مايتاغ تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىدلەندى. ئەينى چاغدىكى ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم جياڭ شياۋياڭ، ئەينى چاغدىكى قومۇل شەھەرلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، 4 ـ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ما جى، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، 4 ـ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى خې شۈلەرگە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ئەينى چاغدىكى ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئىسكەندەر قېيۇم، ئەينى چاغدىكى ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم دوۋ رېنسەي، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بەي خېبىن، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ لېي، ئەينى چاغدىكى كۈيتۈن ـ مايتاغ تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۈن، ئەينى چاغدىكى كۈيتۈن ـ مايتاغ تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىقتىساد تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گو جيې، ئەينى چاغدىكى خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم خۇاڭ شىنپىڭ، ئەينى چاغدىكى خېجىڭ سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىقتىساد ـ تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شيەن چىلىن، ئەينى چاغدىكى خېجىڭ ناھىيەلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ جيەنلياڭلارغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى. ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مىجىت ھىمىت، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاڭ رېنجۈن، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى غالىپ جېلىل، ئەينى چاغدىكى خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئارتې، ئەينى چاغدىكى خېجىڭ سانائەت باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۇڭخۇالارغا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئەينى چاغدىكى خېجىڭ سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جۇڭ دېدۇڭ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئەينى چاغدىكى ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك سانائەت باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ دۇڭيۈنغا تەنقىد ـ تەربىيە بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئەينى چاغدىكى كۈيتۈن ـ مايتاغ تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ پېيجېن سۆھبەتلىشىپ سەمىگە سېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يېزا ـ بۆلۈم دەرىجىلىك بەش كادىر، بىر نەپەر باشقا خادىم ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى تەنقىد ـ تەربىيە بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

يۇقىرىدىكى ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزگەن ئۈچ مەسىلە شۇنى بىلدۈردىكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن رايونلار ۋە تارماقلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى چوڭقۇر، تولۇق بولمىغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزمىغان، قانۇنچىللىق ئېڭى ئاجىز، سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلگەن، خىزمەت ئىستىلى قاتتىق، ئەمەلىي بولمىغان. ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئېنىق پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، بۇلغىمىنى دەل جايىدا تىزگىنلەش، بۇلغىمىنى ئىلمىي تىزگىنلەش، بۇلغىمىنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك ـ تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

                                                                                                      جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى

                                                                                                      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

                                                                                     2023 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى