ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك(شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار:
«گوۋۇيۈەننىڭ ‹مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى›گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»(گوۋۇيۈەننىڭ 795-نومۇرلۇق بۇيرۇقى)، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2025-يىلىدىكى قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئوچۇق نومۇرلۇق تېلېگراممىسى [2024] 12- نومۇرلۇق) ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەت بايراملىرىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»(ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174- نومۇرلۇق بۇيرۇقى)غا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2025- يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشنى تەڭشەش ۋاقتى ۋە قىشلىق، يازلىق مەشغۇلات ۋاقتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.
1. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
(1) يېڭى يىل: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ.
(2) باھار بايرىمى: 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسى، سەيشەنبە)دىن 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ 7-كۈنى، سەيشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
(3) روزا ھېيت: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (دۈشەنبە) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەت بايرىمى روزا ھېيت، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى (شەنبە)دىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
(4) چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (جۈمە)دىن 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
(5) ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى(پەيشەنبە)دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
(6) دۇەنۋۇ بايرىمى: 5-ئاينىڭ 31-كۈنى (شەنبە)دىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
(7) قۇربان ھېيت: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى (جۈمە) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەت بايرىمى قۇربان ھېيت، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى (جۈمە)دىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنى (سەيشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
(8) دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)دىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (چارشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەت، ھادىسە ئاپىتى، ئاممىۋى ساغلاملىق، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تاسادىپىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى ئىناق، تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. قىشلىق، يازلىق مەشغۇلات ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش
(1) يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى: 2025- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00كىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 20:00گىچە بولىدۇ.
(2) قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى: 2025- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00كىچە، چۈشتىن كېيىن 15:30دىن 19:30غىچە بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى