شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قىسقا يولدا تېز تېيىلىش سارىيىدا باشلىنىدىكەن.
«قار - مۇز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاسىيا مەركىزىدىكى شەھەردە ئارزۇغا ئىنتىلىش» باش تېما قىلىنغان بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ تولۇق بولغان قىشلىق تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇسابىقىلەر ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرى ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپا قار - مۇز مۇسابىقىسىگە بۆلۈنىدۇ. ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرىدە مۇز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش، مۇز توپ، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش، دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىش، چاقلىق كانكى تېيىلىش قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر، ئون تارماق تۈر، 180 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان، ھەرقايسى تۈرلەردە يېشىغا قاراپ A گۇرۇپپا، B گۇرۇپپا، C گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇسابىقىدە 180 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىخەنزە ۋەكىللەر كوماندىسىدىن كەلگەن 80 تەنھەرىكەت كوماندىسى، 1200 نەپەر تىرېنېر، تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. تۈرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 63 كىچىك تۈر كۆپ بولغان.
ئاممىۋى گۇرۇپپا قار - مۇز مۇسابىقىسى سەككىز يەككە تۈر (تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش، قار - مۇز مارافونى) ۋە بىر قىش پەسىللىك تەنتەربىيە كاتتا بايرام پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كاتتا بايرام پائالىيىتى بەش تۈرلۈك ئېسىل مۇسابىقە ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئۆتكۈزىدىغان تۆت تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ماھارەت سىنىشىش ۋە تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«تېجەشلىك، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قالتىس بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان مەيدان - سارايلارنىڭ %90ى ھازىر بار بولغان مەيدان سارايلار بولۇپ، باشلىنىش، ئاخىرلىشىش مۇراسىمى پائالىيەتلىرىدە كۆرسىتىلىدىغان نومۇرلارغىمۇ ئامما گەۋدىلىك قاتنىشىدۇ، ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار بىردەك ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى تەنتەربىيە، مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئاممىدىن كەلگەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشلىق مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق تۈر ماھارەت تەنتەربىيەسى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنەۋۋەر زاپاس ئىختىساسلىقلارنى قېزىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. «بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يەنە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىپ، قار - مۇز مەدەنىيىتى، قار - مۇز جابدۇقى، قار - مۇز ساياھىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ جاۋيى.