«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار (2024)» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىئىقتىساد گېزىتخانىسى تەھرىرلىگەن، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان 4 - يۈرۈش «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار» بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلار «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى(2024)» ۋە «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى(2024)»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ سىستېمىلاشقان، نەزەرىيەۋىلەشكەن تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2024 - يىلى ئىقتىساد گېزىتخانىسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق 16 ئاپپارات بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن ماقالە قوبۇل قىلىپ، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر نەزەرىيە ماقالىلىرىنى تۈزۈپ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىساد گېزىتخانىسى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، 20 نەچچە يۈرۈش مۇھىم خەۋەرنى ئېلان قىلدى. نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈك نەتىجىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، 4 - يۈرۈش «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار» قىلىپ توپلاپ چىقتى. بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلار نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىدىن ئىبارەت ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ»ىنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2021 - يىللىق، 2022 - يىللىق ۋە 2023 - يىللىق «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابلار» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان.