شىنجاڭ سىياسەت - تەدبىر ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2025-09-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۈچلۈك، پىششىقلىشى ئاجىز، مەھسۇلاتى كۈچلۈك، كەسپى ئاجىز، سۈپىتى كۈچلۈك، ماركىسى ئاجىز، نۇقتىسى كۈچلۈك، زەنجىرى ئاجىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، مەخسۇس قوللاش سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

«سىياسەت - تەدبىر»دە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، باشلامچى كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىنى قوللاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ ماركا قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىق ئون جەھەتتىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسى سىستېمىلىق بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

«سىياسەت - تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايون ھەر يىلى مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغان ئاشلىق، ياغ تۈرلىرى، گۆش تۈرلىرى، مېۋە - كۆكتات تۈرلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرىگە قارىتا 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئۈسكۈنە مەبلىغى ئاجرىتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىليون يۈەن بويىچە، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 مىليون يۈەن بويىچە مۇكاپات - ياردەم پۇلى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەشنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ئائىلىسى قاتارلىقلار بىلەن مەنپەئەت چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا يېتەكلەپ، زاكاز يېزا ئىگىلىكى، تۆۋەن چەك پايدا تەقسىماتى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى يېزا - كەنت كەسىپ تەرەققىياتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «سىياسەت - تەدبىر»دە، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، مەبلەغ، تېخنىكا، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ئامىللىرىنى سىستېمىلىق توپلاش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى يادرو قىلىنغان يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى پۈتۈن ھالقىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.